سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توكسىكلىت باشقۇرۇش چارىسى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2014-01-26

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى 188 – نومۇرلۇق

    ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 13 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنى 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توكسىكلىتنى باشقۇرۇش چارىسى››نى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىدى، ھازىر ئۇنى ئېلان قىلدىم، 2014 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

 ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

 2014 – يىل 3 – يانۋار

    1 – ماددا بۇ چارە، توكسىكلىتنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يول قاتناش تەرتىپىنى ساقلاش، يول قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزامغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىز مەمۇرىي تەۋەلىكىدە توكسىكلىتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تىزىملاش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن توكسىكلىت ئاككۇمۇلياتورنى قوشۇمچە ئېنېرگىيە قىلىدىغان، ئىككى چاقلىق، ئادەم كۈچى ۋە توك كۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدىغان ياكى توكنى ياردەمچى كۈچ قىلىش ئىقتىدارى بولغان، لايىھەدىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى، ماسسىسى ۋە رازمېرى قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ چارە لايىھەدىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى، ماسسىسى ۋە رازمېرى قاتارلىقلار توكسىكلىت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن، بىراق موتوسىكلىت دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان توكسىكلىت (ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن توكسىكلىت)لارغا تەتبىقلىنىدۇ؛ موتوسىكلىت ياكى دۆلەت ئۆلچىمىگە يېتىدىغان باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى توكسىكلىت باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى توكسىكلىتلارنى تىزىملاش ۋە يول قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

   1 2 3 下一页  

[يۇلتۇز]
010020070830000000000000011100001330754561