سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

مۇھەررىر: يۇلتۇز
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2013-12-23

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى›› قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (ئۈزۈندە)

    (2013–يىل 6–ئاينىڭ 29–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3 – يىغىنىنىڭ قارارى:

    ..................................

    11. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

    (1) 23 – ماددىسى: ‹‹پۇقرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى شۇ دەرىجىلىك شۇ خىل ھۆكۈمەت مەكتىپى مۇدىرىنى تەيىنلەش شەرتىدىن پايدىلىنىپ تەكلىپ قىلىنىدۇ، ياش چېكى مۇۋاپىق قويۇۋېتىلسە بولىدۇ›› دەپ تۈزىتىلدى.

    ..................................

    بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى پېرىيوم قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىش – باشقۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    (5 – نومۇرلۇق)

    ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2013– يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

    2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

    (2002–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2013–يىل 6–ئاينىڭ 29–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3–يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 12قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب قۇرۇش

    3 – باب مەكتەپ تەشكىلاتى ۋە پائالىيىتى

    4 – باب ئوقۇتقۇچى ۋە تەربىيەلەنگۈچى

    5 – باب مەكتەپ مۈلكى ۋە مالىيەسىنى باشقۇرۇش

    6 – باب باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش

    7 – باب يۆلەش ۋە مۇكاپاتلاش

    8 – باب ئۆزگەرتىش ۋە تاقاش

    9 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    10 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، پۇقرا مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ۋە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە مائارىپ قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ قانۇن دۆلەت ئاپپاراتىدىن باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دۆلەتنىڭ مالىيە خىراجىتىدىن باشقا خىراجەتتىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتتە مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتى قۇرۇش پائالىيىتىدە تەتبىقلىنىدۇ. بۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرى مائارىپ قانۇنى ۋە مائارىپقا دائىر باشقا قانۇنلار بويىچە بولىدۇ.

    3 – ماددا پۇقرا مائارىپ ئىشلىرى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمى.

    دۆلەت پۇقرا مائارىپىدا پائال ئىلھام بېرىش، زور كۈچ بىلەن قوللاش، توغرا يېتەكلەش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ.

    ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پۇقرا مائارىپ ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

    4 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى قانۇن – نىزامغا رىئايە قىلىپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى لازىم.

    پۇقرا مەكتەپلىرى مائارىپ بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    5 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى بىلەن باراۋەر قانۇن ئورنىغا ئىگە، دۆلەت پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    دۆلەت پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ۋە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    6 – ماددا دۆلەت مەكتەپ قۇرۇش ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

    دۆلەت پۇقرا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ ۋە تەقدىرلەيدۇ.

    7 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پۇقرا مائارىپى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش ۋە ماكرولۇق باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك–ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى پۇقرا مائارىپىغا ئائىت خىزمەتلەرگە گوۋۇيۇەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

    8 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ پۇقرا مائارىپى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى پۇقرا مائارىپىغا ئائىت خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

    2 – باب قۇرۇش

    9 – ماددا پۇقرا مەكتىپى قۇرغۇچى ئىجتىمائىي تەشكىلات قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

    پۇقرا مەكتىپى قۇرغۇچى شەخس سىياسىي ھوقۇققا ۋە تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

    پۇقرا مەكتىپى قانۇنىي ئىگىلىك شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك.

    10 – ماددا پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشتا، شۇ جاينىڭ مائارىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىش، مائارىپ قانۇنى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك.

    پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشتا، شۇ دەرىجىلىك، شۇ خىلدىكى ھۆكۈمەت مەكتىپىنىڭ قۇرۇش ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىش كېرەك.

    11 – ماددا ئوقۇش تارىخى مائارىپى، يەسلى مائارىپى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مائارىپى ۋە باشقا مەدەنىيەت، مائارىپنى يولغا قويىدىغان پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلايدۇ؛ كەسپىي ماھارەت ئاساس قىلىنغان كەسپىي سالاھىيەت، كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن يېتىشتۈرىدىغان پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك–ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلايدۇ ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

    12 – ماددا پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

    (1) قۇرۇش دوكلاتى، ئۇ ئاساسلىقى: قۇرغۇچى، تەربىيەلەش نىشانى، مەكتەپ كۆلىمى، قاتلىمى، شەكلى، شارائىتى، ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، خىراجەت غەملەش ۋە باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؛

    (2) قۇرغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئولتۇرۇشلۇق جايى ياكى نامى، ئادرېسى؛

    (3) مۈلۈك مەنبەسى، مەبلەغ سوممىسى، شۇنىڭدەك كۈچكە ئىگە ئىسپات ھۆججىتى، ئۇنىڭدا مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق يېزىلغان بولۇش؛

    (4) ئىئانە – ھەدىيە خاراكتېرلىك مەكتەپ مۈلكى بولسا، ئىئانە – ھەدىيە كېلىشىمىنى تاپشۇرۇش، ئۇنىڭدا ئىئانە – ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئىئانە قىلىنغان مۈلۈكنىڭ سانى، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلى، شۇنىڭدەك كۈچكە ئىگە ئالاقىدار ئىسپات ھۆججەتلىرى ئېنىق يېزىلغان بولۇشى شەرت.

    13 – ماددا تەستىقلىغۇچى ئورگان پۇقرا مەكتىپى قۇرۇش تەييارلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قوشۇلۇش – قوشۇلماسلىق ھەققىدە يازما قارار چىقىرىشى كېرەك.

    قۇرۇش تەييارلىقىغا قوشۇلغانلىرىغا تەستىقنامە بېرىشى، قوشۇلمىغانلىرىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

    قۇرۇش تەييارلىق مۇددىتىنى ئۈچ يىلدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۈچ يىلدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر قايتا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

    14 – ماددا پۇقرا مەكتىپىنى رەسمىي قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

    (1) تەييارلىق تەستىقنامىسى؛

    (2) تەييارلىق ئەھۋالى دوكلاتى؛

    (3) مەكتەپ نىزامنامىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك مەكتەپ كېڭىشى، مۇدىرىيىتى ياكى باشقا تەدبىر ئاپپاراتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى؛

    (4) مەكتەپ مۈلكىگە ئائىت كۈچكە ئىگە ئىسپات ھۆججىتى؛

    (5) مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچى، مالىيە خادىملىرىنىڭ سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتى.

    15 – ماددا مەكتەپ قۇرۇش شارائىتى ھازىرلاپ، ئۆلچەمگە يەتكۈزگەنلەر رەسمىي قۇرۇشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 12 – ماددىسىدا ۋە 14 – ماددىسىنىڭ (3)، (4)، (5) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

    16 – ماددا پۇقرا مەكتىپىنى رەسمىي قۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغاندا، تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە تەستىقلاش – تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا يازما قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۇنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈشى كېرەك؛ پۇقرا ئالىي مەكتىپىنى رەسمىي قۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغاندا، تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە تەستىقلاش – تەستىقلىماسلىق ھەققىدە يازما قارار چىقارسا ھەمدە ئۇنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزسە بولىدۇ.

    17 – ماددا تەستىقلىغۇچى ئورگان رەسمىي قۇرۇش تەستىقلانغان پۇقرا مەكتىپىگە مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ.

    تەستىقلىغۇچى ئورگان رەسمىي قۇرۇشنى تەستىقلىمىغانلىرىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

    18 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسى ئالغان ھەمدە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن تىزىملاتماقچى بولغان بولسا، تىزىملىغۇچى ئورگان ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.

    3 – باب مەكتەپ تەشكىلاتى ۋە پائالىيىتى

    19 – ماددا پۇقرا مەكتىپىدە مەكتەپ كېڭىشى، مۇدىرىيىتى ياكى باشقا شەكىلدىكى قارار چىقىرىش ئاپپاراتى قۇرۇش كېرەك.

    20 – ماددا مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى قۇرغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى، مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىلى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. كېڭەش ئەزالىرى ياكى مۇدىرلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى بەش يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى لازىم.

    مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى بەشتىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، كېڭەش باشلىقى ياكى باش مۇدىرلىققا بىر ئادەم قويۇلىدۇ. كېڭەش باشلىقى، كېڭەش ئەزالىرى ياكى باش مۇدىر، مۇدىرلارنىڭ ئىسىملىكى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

    21 – ماددا مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:

    (1) مەكتەپ مۇدىرىنى تەكلىپ قىلىش ۋە بوشىتىش؛

    (2) مەكتەپ نىزامنامىسىنى تۈزىتىش ۋە مەكتەپنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىنى تۈزۈش؛

    (3) تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈش، يىللىق خىزمەت پىلانىنى تەستىقلاش؛

    (4) مەكتەپ خىراجىتىنى غەملەش، خامچوت، نەق چوتنى تەكشۈرۈش؛

    (5) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتاتى ۋە مائاش ئۆلچىمىنى بېكىتىش؛

    (6) مەكتەپنى ئايرىش، قوشۇۋېتىش، تاقاشنى قارار قىلىش؛

    (7) باشقا چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىش.

    باشقا شەكىلدىكى قارار چىقىرىش ئاپپاراتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ يۈرگۈزۈلىدۇ.

    22 – ماددا پۇقرا مەكتىپىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىللىكىنى كېڭەش باشلىقى، باش مۇدىر ياكى مەكتەپ مۇدىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    23 – ماددا پۇقرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى شۇ دەرىجىلىك شۇ خىل ھۆكۈمەت مەكتىپى مۇدىرىنى تەيىنلەش شەرتىدىن پايدىلىنىپ تەكلىپ قىلىنىدۇ، ياش چېكى مۇۋاپىق قويۇۋېتىلسە بولىدۇ.

    24 – ماددا پۇقرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈزگۈزىدۇ:

    (1) مەكتەپ كېڭىشى، مۇدىرىيىتى ياكى باشقا شەكىلدىكى قارار چىقىرىش ئاپپاراتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش؛

    (2) تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش، يىللىق خىزمەت پىلانى، مالىيە خامچوتى ۋە مەكتەپنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىنى تۈزۈش؛

    (3) مەكتەپ خىزمەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش، بوشىتىش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش؛

    (4) ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتىنى تەشكىللەش، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛

    (5) مەكتەپنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛

    (6) مەكتەپ كېڭىشى، مۇدىرىيىتى ياكى باشقا شەكىلدىكى قارار چىقىرىش ئاپپاراتى بەرگەن باشقا ھوقۇقلار.

    25 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا تۈرى، ئوقۇش يىل چېكى، ئوقۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى ياكى تەربىيەلىنىش لاياقەتنامىسى بەرسە بولىدۇ.

    كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ھۆكۈمەت تەستىقلىغان كەسپىي ماھارەتنى باھالاش ئاپپاراتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتەلىگەنلىرىگە دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېرىلسە بولىدۇ.

    26 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلار ئاساس قىلىنغان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى قاتارلىق شەكىللەرنى قانۇن بويىچە قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    پۇقرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە باشقا خىزمەتچىلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنىغا بىنائەن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق.

    4 – باب ئوقۇتقۇچى ۋە تەربىيەلەنگۈچى

    27 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تەربىيەلەنگۈچىسى ھۆكۈمەت مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تەربىيەلەنگۈچىسى بىلەن باراۋەر قانۇنلۇق ئورۇنغا ئىگە.

    28 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى تەكلىپ قىلغان ئوقۇتقۇچىلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

    29 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىدىيە، ئەخلاق ۋە كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلىشى كېرەك.

    30 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاش، پاراۋانلىق تەمىناتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى ھەمدە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

    31 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى كەسىپ جەھەتتە تەربىيەلەش، ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستاژى ۋە خىزمەت ئىستاژىنى ھېسابلاش، مۇكاپاتلاش – تەقدىرلەش، ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى بىلەن باراۋەر ھوقۇققا قانۇن بويىچە ئىگە بولىدۇ.

    32 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    پۇقرا مەكتەپلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى تەقدىرلەيدۇ ياكى ئۇلارغا چارە كۆرىدۇ.

    33 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش، ئىلغارلارنى سايلاش قاتارلىق جەھەتلەردە شۇ دەرىجىلىك شۇ خىل ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.

    5 – باب مەكتەپ مۈلكى ۋە مالىيەسىنى باشقۇرۇش

    34 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى قانۇن بويىچە مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈمى ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى تۇتۇشى كېرەك.

    35 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى قۇرغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە سالغان مۈلكى، دۆلەت مۈلكى، قوبۇل قىلغان ھەدىيە مال – مۈلۈك ۋە مەكتەپ جۇغلانمىسىدا قانۇنىي ئىگىنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

    36 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى ئوچۇق مەزگىلدە، بارلىق مۈلكىنى ئۆزى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئېگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرا مائارىپى ئاپپاراتىدىن قانۇن – نىزاملارغا خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    37 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى ئوقۇش تارىخى بويىچە تەربىيەلەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ھەق تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى ئۆزى بېكىتىپ ئالاقىدار تارماقلارغا تەستىقلىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛ باشقا تەربىيەلەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ھەق تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى ئۆزى بېكىتىپ ئالاقىدار تارماققا ئەنگە ئالدۇرىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

    پۇقرا مەكتەپلىرى ئالغان ھەقنى ئاساسلىقى ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشى كېرەك.

    38 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ مۈلكىنى ئىشلىتىش ۋە مالىيەسىنى باشقۇرۇش تەستىقلىغۇچى ئورگان ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.

    پۇقرا مەكتەپلىرى ھەر بىر بوغالتىرلىق يىلى ئاخىرلاشقاندا، مالىيە–بوغالتىرلىق دوكلاتى تەييارلاپ، بوغالتىرلىق ئورنىغا قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ھاۋالە قىلىشى ھەمدە نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى لازىم.

    6 – باب باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش

    39 – ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.

    40 – ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار پۇقرا مەكتەپلىرىنى قانۇن بويىچە مائارىپ تەپتىشلىكى قىلىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ؛ ئىجتىمائىي ۋاسىتىچى تەشكىلاتلارنى مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مائارىپ سۈپىتىنى باھالاشقا تەشكىللەيدۇ ياكى ئۇلارغا باھالاشنى ھاۋالە قىلىدۇ ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

    41 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قائىدىسى ۋە ئېلانىنى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

    42 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلسا، تەربىيەلەنگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

    43 – ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي ۋاسىتىچى تەشكىلاتلارنىڭ پۇقرا مەكتەپلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىدۇ.

    7 – باب يۆلەش ۋە مۇكاپاتلاش

    44 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، پۇقرا مەكتەپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلەتسە، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلىسا ۋە تەقدىرلىسە بولىدۇ.

    45 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خىراجەت جەھەتتە ياردەم بېرىش، بىكار تۇرغان دۆلەت مۈلكىنى ئىجارە بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇقرا مەكتەپلىرىنى يۆلىسە بولىدۇ.

    46 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن باج ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    47 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن – نىزاملىرى بويىچە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىئانە – ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

    دۆلەت پۇقرا مەكتەپلىرىگە مال – مۈلۈك ئىئانە – ھەدىيە قىلغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تەقدىرلەيدۇ.

    48 – ماددا دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پۇقرا مائارىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كىرېدىت ۋاسىتىسى ئارقىلىق قوللاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

    49 – ماددا خەلق ھۆكۈمىتى پۇقرا مەكتەپلىرىگە مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھاۋالە قىلىشتا، ھاۋالە كېلىشىمى بويىچە مۇناسىپ مائارىپ خىراجىتى ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.

    50 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىشتە، خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت پاراۋانلىق يېرىگە ۋە قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. مائارىپ يېرىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

    51 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرى مەكتەپ ئېچىش تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەن، تەرەققىيات فوندىنى قالدۇرۇپ قويغان ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە باشقا زۆرۈر خىراجەتنى ئاجرىتىۋالغاندىن كېيىن، مەبلەغ چىقارغۇچى مەكتەپ باشقۇرۇش قالدۇقىدىن مۇۋاپىق نەپ ئالسا بولىدۇ. مۇۋاپىق نەپ ئېلىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    52 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت – ياقا نامرات رايونلارغا بېرىپ پۇقرا مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىدۇ.

    8 – باب ئۆزگەرتىش ۋە تاقاش

    53 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنى ئايرىش، قوشۇۋېتىشنى مالىيە ھېساباتى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ.

    پۇقرا مەكتىپىنى ئايرىش، قوشۇۋېتىشنى ئىلتىماس قىلسا، تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ پۇقرا ئالىي مەكتىپىنى ئايرىش، قوشۇۋېتىشنى ئىلتىماس قىلسا، تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە يازما جاۋاب بەرسىمۇ بولىدۇ.

    54 – ماددا پۇقرا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسىنى ئۆزگەرتىشنى قۇرغۇچى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويۇشى شەرت، مالىيە ھېساباتى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ.

    55 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ نامى، قاتلىمى، تۈرىنى ئۆزگەرتىشنى مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ.

    باشقا پۇقرا مەكتىپىگە ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا، تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ پۇقرا ئالىي مەكتىپىگە ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا، تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە يازما جاۋاب بەرسىمۇ بولىدۇ.

    56 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى تاقىۋېتىش كېرەك:

    (1) مەكتەپ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاقاشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە تەستىقلىغۇچى ئورگان تەستىقلىغانلىرى؛

    (2) مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغانلىرى؛

    (3) مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلماي، داۋاملىق ئېچىشقا ئامالسىز قالغانلىرى.

    57 – ماددا پۇقرا مەكتىپىنى تاقاشتا، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغان پۇقرا مەكتەپلىرىنى تاقاشتا، تەستىقلىغۇچى ئورگان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى داۋاملىق ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

    58 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىنى تاقاشتا، مالىيە ھېساباتىنى قانۇن بويىچە ئېنىقلاش كېرەك.

    پۇقرا مەكتەپلىرىدىن تاقاشنى ئۆزى تەلەپ قىلغانلىرىنىڭ ھېساباتىنى شۇ مەكتەپ ئۆزى ئېنىقلايدۇ؛ تەستىقلىغۇچى ئورگان قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرغانلىرىنىڭ ھېساباتىنى تەستىقلىغۇچى ئورگان ئۆزى ئېنىقلايدۇ؛ مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلماي، داۋاملىق ئېچىشقا ئامالسىز قىلىپ تاقالغانلىرىنىڭ ھېساباتىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئېنىقلايدۇ.

    59 – ماددا پۇقرا مەكتىپىنىڭ قەرزى مال – مۈلكىدىن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۈزۈلىدۇ:

    (1) تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى، پارچە خىراجىتى ۋە باشقا خىراجەتلىرىنى قايتۇرۇش؛

    (2) ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى بېرىش؛

    (3) باشقا قەرزلەرنى ئۈزۈش.

    پۇقرا مەكتىپىنىڭ يۇقىرىقى قەرزلەرنى ئۈزگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مال – مۈلكى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

    60 – ماددا پۇقرا مەكتىپى تاقالغاندا، تەستىقلىغۇچى ئورگان مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى يىغىۋالىدۇ، تامغىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە تىزىمدىن ئۆچۈرىدۇ.

    9 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    61 – ماددا پۇقرا مەكتەپلىرىدىن مائارىپ پائالىيىتىدە مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

    62 – ماددا تەستىقلىغۇچى ئورگان ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار پۇقرا مەكتەپلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولسا، ئالغان ھەققى قايتۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

    (1) پۇقرا مەكتىپىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىۋەتكەن، قوشۇۋەتكەنلەر؛

    (2) پۇقرا مەكتىپىنىڭ نامى، قاتلىمى، تۈرى ۋە قۇرغۇچىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

    (3) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ساختا قائىدە ياكى ئېلان چىقىرىپ، پۇل – مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛

    (4) ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى، تەربىيەلەش گۇۋاھنامىسى، كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى قانۇنسىز بەرگەنلەر ياكى ياسىۋالغانلار؛

    (5) قالايمىقان باشقۇرۇپ ئوقۇتۇشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار؛

    (6) ساختا ئىسپات ھۆججىتى تاپشۇرۇپ ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، مۇھىم پاكىتنى يوشۇرۇپ، مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛

    (7) مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئېلىپ ساتقان، ئىجارە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەنلەر؛

    (8) يامان غەرەزدە مەكتەپنى تاقىغان، مەبلىغىنى چىقىرىۋالغان ياكى مەكتەپ ئېچىش خىراجىتىنى ئىشلىتىۋالغانلار.

    63 – ماددا تەستىقلىغۇچى ئورگان ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

    (1) قۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، مۆھلەت ئۆتكىچە جاۋاب بەرمىگەنلەر؛

    (2) مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىلتىماسنى تەستىقلىغانلار؛

    (3) باشقۇرۇشتا بىپەرۋالىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

    (4) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئالغانلار؛

    (5) پۇقرا مەكتىپىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلغانلار؛

    (6) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.

    64 – ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەردىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پۇقرا مەكتىپى ئاچقانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن پۇقرا مەكتىپى ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا تەستىق رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ مەكتەپ ئېچىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىرىنى ئوقۇتۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    10 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    65 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پۇقرا مەكتىپى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان باشقا پۇقرا مائارىپى ئاپپاراتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مەكتەپ مۇدىرى پۇقرا مائارىپىدىن باشقا مائارىپ ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەمۇرىي مەسئۇلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    66 – ماددا پۇقرالار تىجارەتلىك تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىن سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملاتقانلىرىنىڭ باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

    67 – ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئېچىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    68 – ماددا بۇ قانۇن 2003 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1997 – يىل 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان ‹‹ئىجتىمائىي كۈچلەر مەكتەپ ئېچىش نىزامى›› بىكار قىلىنىدۇ.

    (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)(تامام)

[يۇلتۇز]
010020070830000000000000011100001329899911