سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى

مۇھەررىر: يۇلتۇز
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2013-10-25

    (1985 – يىل 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – يىغىنىنىڭ ‹‹بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3 – يىغىنىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    (5 – نومۇرلۇق)

    ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدىم، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

    2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى›› قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (ئۈزۈندە)

    (2013–يىل 6–ئاينىڭ 29–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3 – يىغىنىنىڭ قارارى:

    ..................................

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

    (1) 55 – ماددىسى: ‹‹ئاپەت ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا، چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوتلاقتا مېڭىپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزۇۋېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ گېئولوگىيەلىك چارلاش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۈچۈن، ئوتلاقتا مېڭىشقا توغرا كەلسە، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مېڭىش رايونى ۋە مېڭىش يۆنىلىشىنى دوكلات قىلىش ھەمدە دوكلاتتىكى مېڭىش رايونى ۋە مېڭىش يۆنىلىشى بويىچە مېڭىش كېرەك›› دەپ تۈزىتىلدى.

    (2) 70 – ماددىسى: ‹‹خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ۋە چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوتلاقتا ھەيدەش ياكى گېئولوگىيەلىك چارلاش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىشتا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلمىغان ۋە ياكى دوكلاتتىكى مېڭىش رايونى ۋە مېڭىش يۆنىلىشىگە قارىماي، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئوتلاق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسسىىدىن يۇقىرى، توققۇز ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ›› دەپ تۈزىتىلدى.

    ..............................

    بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى پېرىيوم قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىش، باشقۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب ئوتلاق ھوقۇقى تەۋەلىكى

    3 – باب پىلانلاش

    4 – باب بەرپا قىلىش

    5 – باب پايدىلىنىش

    6 – باب قوغداش

    7 – باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

    8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    9 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئوتلاقنى پىلانلاش، قوغداش، بەرپا قىلىش، پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئوتلاق تەبىئىي ئوتلاق ۋە سۈنئىي ئوتلاقنى كۆرسىتىدۇ.

    3 – ماددا دۆلەت ئوتلاقنى ئىلمىي پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك قوغداش، نۇقتىلىق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، ئوتلاقتىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى ۋە ئېكولوگىيە، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    4 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش جەھەتتىكى تەشۋىق – تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەك.

    5 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئوتلاققا دائىر قانۇن – نىزاملارغا رىئايە قىلىش، ئوتلاقنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، ئوتلاققا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش، ئوتلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش ھوقۇقىمۇ بار.

    6 – ماددا دۆلەت ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش، ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى كۆزىتىش جەھەتتىكى ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا، ئىلغار تېخنىكا ۋە ئىلغار نەتىجىلەرنى كېڭەيتىشكە، پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    7 – ماددا دۆلەت ئوتلاقنى باشقۇرۇش، قوغداش، بەرپا قىلىش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

    8 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى لازىم، ئېھتىياجىغا قاراپ كونكرېت نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەخسۇس ياكى قوشۇمچە خادىملارنى قويسا بولىدۇ.

   1 2 3 4 5 6 7 8 下一页  

[يۇلتۇز]
010020070830000000000000011100001328309281