سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى

مۇھەررىر: يۇلتۇز
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2013-10-09

    (2013–يىل 4–ئاينىڭ 25–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    3 – نومۇرلۇق

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى›› 2013 – يىل 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

    2013 – يىل 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب ساياھەتچىلەر

    3 – باب ساياھەت پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش

    4 – باب ساياھەت تىجارىتى

    5 – باب ساياھەت مۇلازىمىتى توختامى

    6 – باب ساياھەت بىخەتەرلىكى

    7 – باب ساياھەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

    8 – باب ساياھەت ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش

    9 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    10 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش، ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ساياھەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ساياھەتچىلىكنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىن چېگرا سىرتىغا ئۇيۇشتۇرۇلغان سەيلە قىلىش، دەم ئېلىش، ئىستراھەت قىلىش شەكلىدىكى ساياھەت پائالىيەتلىرىگە شۇنىڭدەك ساياھەت پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار مۇلازىمەت قىلىدىغان تىجارەت پائالىيەتلىرىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا دۆلەت ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ساياھەت جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت پائالىيىتىدىكى ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

    4 – ماددا ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەت بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداش شەرتى ئاستىدا، ساياھەت بايلىقىدىن قانۇن بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. جامائەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان ساياھەت سورۇنلىرىدا جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك.

    5 – ماددا دۆلەت ساغلام، مەدەنىي، مۇھىت سۆيەر ساياھەت ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارنىڭ ساياھەت پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخىسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

    6 – ماددا دۆلەت ساياھەت مۇلازىمەت ئۆلچىمى ۋە بازار قائىدىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھە مونوپولى ۋە رايون مونوپولىنى چەكلەيدۇ. ساياھەت تىجارەتچىلىرى سەمىمىي تىجارەت قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ساياھەتچىلەرگە بىخەتەر، ساغلام، پاكىز، قولايلىق مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

    7 – ماددا گوۋۇيۈەن ساياھەتچىلىكنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەت خىزمىتىگە بولغان تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار ياكى ئاپپاراتلارنى بېكىتىپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

    8 – ماددا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ساياھەت ساھە تەشكىلاتى تەلەپچان باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

    2 – باب ساياھەتچىلەر

    9 – ماددا ساياھەتچىلەر ساياھەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىختىيارىي تاللاشقا ھوقۇقلۇق، ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سودا قىلمىشىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

    ساياھەتچىلەر ئۆزى سېتىۋالغان ساياھەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق.

    ساياھەتچىلەر ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىشىنى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

    10 – ماددا ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنسانىي ئىززىتى، مىللىي ئۆرپ – ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

    11 – ماددا مېيىپ، ياشانغان، قۇرامىغا يەتمىگەن ساياھەتچىلەر ساياھەت پائالىيىتى داۋامىدا قانۇن – نىزام ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قولايلىقتىن ۋە ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    12 – ماددا ساياھەتچىلەر جىسمانىي، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى خەۋپىگە ئۇچرىغاندا ياردەم بېرىشنى ۋە قوغداشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

    ساياھەتچىلەردىن جىسمانىي، مال – مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

    13 – ماددا ساياھەتچىلەر ساياھەت پائالىيىتىدە جامائەت تەرتىپىگە ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلىشى، شۇ جاينىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشى، ساياھەت بايلىقىنى ئاسرىشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىشى، ساياھەت مەدەنىيلىكى ھەرىكەت قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

    14 – ماددا ساياھەتچىلەر ساياھەت پائالىيىتىدە ياكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشتا شۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ ساياھەت پائالىيىتىگە كاشىلا قىلسا بولمايدۇ، ساياھەت تىجارەتچىلىرى ۋە ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

    15 – ماددا ساياھەتچىلەر ساياھەت مۇلازىمىتىنى سېتىۋالغاندا ياكى قوبۇل قىلغاندا ساياھەت تىجارەتچىسىگە ئۆزىنىڭ ساياھەت پائالىيىتىگە ئالاقىدار شەخسىي سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئەينەن ئېيتىشى، ساياھەت پائالىيىتىدىكى بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

    ساياھەتچىلەر دۆلەتنىڭ چوڭ – چوڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ساياھەت پائالىيىتىنى ۋاقىتلىق چەكلەش تەدبىرىگە شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلار، ئاپپاراتلار ۋە ساياھەت تىجارەتچىلىرى قوللانغان خەتەردىن ساقلىنىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىگە ماسلىشىشى كېرەك.

    ساياھەتچىلەردىن بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى ياكى دۆلەتنىڭ چوڭ – چوڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ساياھەت پائالىيىتىنى ۋاقىتلىق چەكلەش تەدبىرىگە، خەتەردىن ساقلىنىش ۋە تاسادىپىي ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىگە ماسلاشمىغانلىرى قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    16 – ماددا چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلغۇچىلار چېگرا سىرتىدا قانۇنسىز تۇرۇپ قالسا بولمايدۇ، ئۆمەك بىلەن چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلغۇچىلار ئۆمەكتىن بۆلۈنۈپ چىقسا بولمايدۇ.

    چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەر چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز تۇرۇپ قالسا بولمايدۇ، ئۆمەك بىلەن چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەر ئۆمەكتىن بۆلۈنۈپ چىقسا بولمايدۇ.

    3 – باب ساياھەتنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش

    17 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

    گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك ساياھەت بايلىقى مول رايون بار شەھەرلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىدىكى تەلەپ بويىچە، ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈشى كېرەك. مەمۇرىي رايون ھالقىغان ھەمدە ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىشقا باب كېلىدىغان ساياھەت بايلىقىدىن پايدىلىنىشتا، بىرلىككە كەلگەن ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈشكە تەشكىللىشى ياكى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىپ تۈزۈشى كېرەك.

    18 – ماددا ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىي تەلىپى ۋە تەرەققىيات نىشانىنى، ساياھەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەلىپى ۋە تەدبىرىنى، شۇنىڭدەك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش، ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەت مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش، ساياھەت ئوبرازىنى كېڭەيتىش، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش تەلىپى ۋە ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، نۇقتىلىق ساياھەت بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، مەلۇم رايوننىڭ ساياھەت تۈرلىرى، ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە مەخسۇس تەلەپ قويسا بولىدۇ.

    19 – ماددا ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى، مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك تەبىئىي بايلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارلىق ئادىمىيەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

    20 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، شەھەر – يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، ئالاقىدار ساياھەت تۈرلىرى، ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقى ۋە قۇرۇلۇش يېرى تەلىپىنى تولۇق ئويلىشىشى كېرەك. قاتناش، خەۋەرلىشىش، سۇ بېرىش، توك بېرىش، مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشتا ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك.

    21 – ماددا تەبىئىي بايلىق ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارلىق ئادىمىيەت بايلىقىدىن ساياھەت ئۈچۈن پايدىلىنىشتا، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، بايلىق، ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتىنىڭ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش، شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋە ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، بايلىقنىڭ رايون پۈتۈنلۈكى، مەدەنىيەت ۋەكىللىكى ۋە رايون ئالاھىدىلىكىنى قوغداش ھەمدە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش ئېھتىياجىنى ئويلىشىش كېرەك. ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بايلىق قوغداشنى ۋە ساياھەتتىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

    22 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تۈزگەن ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىجراسىنى باھالىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

    23 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەتچىلىكنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا پايدىلىق كەسىپ سىياسىتىنى تۈزۈپ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ساياھەت + ئارامگاھ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى، تەدبىر قوللىنىپ رايونلارنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، رايون ھالقىغان ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىشقا ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشقا مەدەت بېرىشى، ساياھەت بىلەن سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، سودا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، پەن – مائارىپ ساھەسى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، چەت – ياقا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى قوللىشى لازىم.

    24 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەبلەغنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ساياھەت جامائەت مۇلازىمىتى ۋە ساياھەت ئوبرازىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

    25 – ماددا دۆلەت ساياھەت ئوبرازىنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ساياھەت مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ساياھەت ئوبرازىنى چېگرا سىرتىدا كېڭەيتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش تەشكىللەپ، ساياھەت ئوبرازىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتى ۋە تورىنى بەرپا قىلىدۇ، خەلقئارا ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى قانات يايدۇرىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ساياھەت ئوبرازىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ.

    26 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، ساياھەت جامائەت ئۇچۇرى ۋە مەسلىھەتچىلىك سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ساياھەت مەنزىرە رايونى، لىنىيە، قاتناش، ھاۋا رايى، ياتاق، بىخەتەرلىك، داۋالاش – جىددىي قۇتقۇزۇش زۆرۈر ئۇچۇرلىرىنى ھەقسىز يەتكۈزۈشى ۋە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىشى لازىم. رايون بار شەھەرلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ قاتناش تۈگۈنى، سودا مەركىزى ۋە ساياھەتچىلەر مەركەزلەشكەن ئورۇندا ساياھەت مەسلىھەتچىلىك مەركىزى قۇرۇشى، مەنزىرە رايونى ۋە ئاساسلىق مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان يوللاردا ساياھەت كۆرسەتمە بەلگىسى ئورنىتىشى لازىم.

    ساياھەت بايلىقى مول رايون بار شەھەرلىك ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەت يولۇچى تىرانسپورت مەخسۇس لىنىيەسىنى ياكى ساياھەتچىلەر ئۆتىڭىنى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شەھەرنى ۋە ئەتراپنى ساياھەت قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلسا بولىدۇ.

    27 – ماددا دۆلەت ساياھەتچىلىك كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

    4 – باب ساياھەت تىجارىتى

    28 – ماددا ساياھەت كوپىراتىپى قۇرۇشتا، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش، تەشكىللەش ۋە كۈتۈۋېلىش، ئۇلارغا ساياھەت مۇلازىمىتى قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش ھەمدە ساياھەت مەسئۇل تارمىقىدىن ئىجازەت ئېلىش، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە تىزىملىتىش كېرەك:

    (1) مۇقىم تىجارەت سورۇنى بولۇش؛

    (2) زۆرۈر تىجارەت ئەسلىھەلىرى بولۇش؛

    (3) بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان رويخەتتىكى كاپىتالى بولۇش؛

    (4) تېگىشلىك ئىگىلىك باشقۇرغۇچىسى ۋە ساياھەت يېتەكچىسى بولۇش؛

    (5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

    29 – ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى تۆۋەندىكى كەسىپلەرنى يولغا قويسا بولىدۇ:

    (1) چېگرا ئىچى ساياھىتى؛

    (2) چېگرا سىرتى ساياھىتى؛

    (3) چېگرا ساياھىتى؛

    (4) چېگرادىن كىرىش ساياھىتى؛

    (5) باشقا ساياھەت كەسىپلىرى.

    ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئالدىنقى تارماقنىڭ 2 –، 3 – تارماقچىسىدا ئېيتىلغان كەسىپلەرنى يولغا قويۇشتا مۇناسىپ كەسپىي تىجارەت ئىجازىتىنى ئېلىشى كېرەك، كونكرېت شەرتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    30 – ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجارە بەرسە، ئارىيەت بەرسە ياكى ساياھەت كوپىراتىپى تىجارەت ئىجازىتىنى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ.

    31 – ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى بەلگىلىمە بويىچە ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتى كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاندا تۆلەم بېرىشكە ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىغاندا جىددىي ياردەم بېرىش خىراجىتى قىلىپ تۇرۇشقا ئىشلىتىشى كېرەك.

    32 – ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش، تەشكىللەش ئۈچۈن ئېلان قىلغان ئۇچۇر چىن، توغرا بولۇشى شەرت، ساختا تەشۋىق قىلىپ ساياھەتچىلەرنى ئازدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

    33 – ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرى ساياھەتچىلەرنى تەشكىللىگەندە ۋە كۈتۈۋالغاندا، ئۇلارغا دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ تۈرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرسا ياكى شۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرسا بولمايدۇ.

    34 – ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەت پائالىيىتىدە لاياقەتلىك تەمىنلىگۈچىگە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت زاكاز قىلىشى كېرەك.

    35 – ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەتچىلەرنى ئەقىلگە سىغمايدىغان تۆۋەن باھالىق ساياھەتكە تەشكىللىسە، ساياھەتچىلەرنى ئالدىسا ھەمدە مال سېتىۋېلىشقا ياكى ئايرىم ھەقلىق ساياھەت تۈرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈستەك قاتارلىق نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالسا بولمايدۇ.

    ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىلەرنى تەشكىللىگەندە ۋە كۈتۈۋالغاندا، مال سېتىۋېلىش سورۇنىنى بەلگىلەپ بەرسە، ئايرىم ھەقلىق ساياھەت تۈرىگە ئورۇنلاشتۇرسا بولمايدۇ. لېكىن كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەن ياكى ساياھەتچىلەر تەلەپ قىلغان ھەمدە باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ سەپىرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

    ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋال يۈز بەرگەن بولسا، ساياھەتچى ساياھەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە ساياھەت كوپىراتىپىدىن مېلىنى قايتۇرۇشنى ھەمدە قايتۇرغان مال پۇلىنى بېرىپ تۇرۇشنى ياكى ئايرىم ھەقلىق ساياھەت خىراجىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

    36 – ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئۆمەك تەشكىللەپ چېگرا سىرتى ساياھىتىگە تەشكىللىگەندە ياكى چېگرادىن كىرىش ساياھەت ئۆمىكىنى تەشكىللىگەندە ۋە كۈتۈۋالغاندا، بەلگىلىمە بويىچە تولۇق ھەمراھ بولىدىغان ئۆمەك يېتەكچىسى ياكى ساياھەت يېتەكچىسى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

    37 – ماددا ساياھەت يېتەكچىلىك سالاھىيەت ئىمتىھانىدا نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان، ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن ياكى ئالاقىدار ساياھەت ساھە تەشكىلاتىغا رويخەتكە ئالدۇرغانلار ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    38 – ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئۆزى تەكلىپ قىلغان ساياھەت يېتەكچىسى بىلەن قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى تۈزۈپ، ئەمگەك ھەققى بېرىشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

    ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا ۋاقىتلىق ساياھەت يېتەكچىسىنى تەكلىپ قىلغانلىرى ساياھەت يېتەكچىسىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 60 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇلازىمەت ھەققىنى تولۇق بېرىشى كېرەك.

    ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ساياھەت ئۆمىكىگە مۇلازىمەت قىلىشقا ساياھەت يېتەكچىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىرى ساياھەت يېتەكچىسىدىن ھەقنى تۆلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلسا ياكى ساياھەت يېتەكچىسىدىن ھەرقانداق ھەق ئالسا بولمايدۇ.

    39 – ماددا ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ئالغان، مۇناسىپ ئوقۇش تارىخىغا، تىل ئىقتىدارىغا ۋە ساياھەت كەسىپكارلىق تەجرىبىسىگە ئىگە بولغانلار ھەمدە ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەنلەر ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    40 – ماددا ساياھەت يېتەكچىسى ۋە ئۆمەك يېتەكچىسى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشى شەرت، ساياھەت يېتەكچىلىكى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىكىنى ئۆز مەيلىچە قىلسا بولمايدۇ.

    41 – ماددا ساياھەت يېتەكچىسى ۋە ئۆمەك يېتەكچىسى كەسپىي پائالىيەت داۋامىدا ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى تاقىۋېلىشى، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشى، ساياھەتچىلەرگە ساياھەت مەدەنىي ھەرىكەت قائىدىسىنى ئۇقتۇرۇشى ۋە چۈشەندۈرۈشى، ساياھەتچىلەرنى ساغلام، مەدەنىي ساياھەت قىلىشقا يېتەكلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن توسۇشى لازىم.

    ساياھەت يېتەكچىسى ۋە ئۆمەك يېتەكچىسى ساياھەت مۇساپىسى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى لازىم، ساياھەت مۇساپىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتسە ياكى مۇلازىمەتنى توختىتىپ قويسا بولمايدۇ، ساياھەتچىلەردىن تاپان ھەققى ئالسا بولمايدۇ، ساياھەتچىلەرنى مال سېتىۋېلىشقا ياكى باشقا ھەقلىق ساياھەتكە قاتنىشىشقا ئازدۇرسا، ئالدىسا، مەجبۇرلىسا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن مەجبۇرلىسا بولمايدۇ.

    42 – ماددا مەنزىرە رايونىنى ئېچىۋېتىشتە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش ھەمدە ساياھەت مەسئۇل تارمىقىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك:

    (1) زۆرۈر ساياھەت يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ۋە قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى بولۇش؛

    (2) زۆرۈر بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ۋە تۈزۈمى بولۇش، خەۋپ – خەتەر باھالىشىدىن ئۆتكەن بولۇش، بىخەتەرلىك شەرتلىرىگە توشقان بولۇش؛

    (3) تېگىشلىك مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش تەدبىرلىرى بولۇش؛

    (4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

    43 – ماددا جامائەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى، شۇنىڭدەك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى سەيلە سورۇنى، قاتناش قورالى قاتارلىق ئايرىم ھەق ئېلىنىدىغان تۈرلەردە ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى ياكى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلۇپ، باھانى ئۆستۈرۈش قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ. ھەق ئالماقچى ياكى باھانى ئۆستۈرمەكچى بولغانلار ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەر، ساياھەت تىجارەتچىلىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىن پىكىر ئېلىپ، ئۇنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە مۇمكىنلىكىنى دەلىللىشى كېرەك.

    جامائەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان مەنزىرە رايونلىرىدا ئايرىم ھەق ئېلىنىدىغان تۈرلەرنى كۆپەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق شەكىلنى ئۆزگەرتىپ باھا ئۆستۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ؛ ئايرىم ھەق ئېلىنىدىغان تۈرلەردە سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالغانلار باھانى چۈشۈرۈشى ياكى ھەقنى بىكار قىلىشى كېرەك.

    جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى شەھەر باغچىسى، مۇزېي، خاتىرە سارىيى قاتارلىقلاردىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يىغىپ ساقلاش ئورنىدىن باشقىلىرىنى پەيدىنپەي ھەقسىز ئېچىۋېتىش كېرەك.

    44 – ماددا مەنزىرە رايونلىرى كىرىش بېلىتىنىڭ باھاسىنى، ئايرىم ھەق ئېلىنىدىغان تۈرلەرنىڭ باھاسىنى ۋە كوللېكتىپ ھەق باھاسىنى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا چىقىرىپ قويۇشى لازىم. مەنزىرە رايونلىرى كىرىش بېلىتى باھاسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئالتە ئاي ئىلگىرى ئېلان چىقىرىشى كېرەك.

    ئوخشاش بولمىغان مەنزىرە رايونىنىڭ ياكى ئوخشاش بىر مەنزىرە رايونىدىكى ئوخشاش بولمىغان سەيلىگاھنىڭ كىرىش بېلىتىنى قوشۇپ ساتقانلارنىڭ قوشۇپ ساتقاندىن كېيىنكى باھاسى ئايرىم تۈرلەرنىڭ كىرىش بېلەت باھاسىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ساياھەتچىلەر شۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدىن يەككە تۈرنىڭ بېلىتىنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

    مەنزىرە رايونىدىكى ئاساسلىق سەيلە تۈرلىرىنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىش مەلۇم سەۋەبتىن ۋاقىتلىق توختىتىلغان بولسا ياكى مۇلازىمەت توختىتىلغان بولسا، ئۇنى ئېلان قىلىش ھەمدە ئالىدىغان ھەقنى ئازايتىش كېرەك.

    45 – ماددا مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالىدىغان ئادەم سانى مەنزىرە رايونى مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئەڭ يۇقىرى سىغىم مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. مەنزىرە رايونى مەسئۇل تارماق بېكىتىپ بەرگەن ئەڭ يۇقىرى سىغىم مىقدارىنى ئېلان قىلىشى، ساياھەتچىلەر سانىنى تىزگىنلەش لايىھەسىنى تۈزۈشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك، كىرىش بېلىتىنى زاكاز قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى تىزگىنلىسە بولىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئەڭ يۇقىرى سىغىم مىقدارىغا يېقىنلاشقاندا، مەنزىرە رايونى ئالدىن ئېلان چىقىرىشى ھەمدە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگىمۇ مەلۇم قىلىشى، مەنزىرە رايونى بىلەن شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى يېتەكلەش، تارقاقلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى كېرەك.

    46 – ماددا شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئۆز تۇرالغۇسى ياكى باشقا شارائىتىدىن پايدىلىنىپ قانۇن بويىچە ساياھەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىدۇ.

    47 – ماددا ئېگىز بوشلۇق، يۇقىرى سۈرئەت، سۇ ئۈستى، سۇ ئاستى، ئېكسپېدىتسىيە قاتارلىق خەتىرى يۇقىرى ساياھەت تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تىجارەت ئىجازىتى ئېلىشى كېرەك.

    48 – ماددا تور ئارقىلىق ساياھەت كوپىراتىپى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي ئىجازىتىنى قانۇن بويىچە ئېلىشى ھەمدە كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىگە دائىر ئۇچۇرلارنى تورنىڭ باش بېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە چىقىرىپ قويۇشى لازىم.

    تور بېكەتلىرى ساياھەت تىجارەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغاندا ئۇچۇرىنىڭ چىنلىقى ۋە توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    49 – ماددا ساياھەتچىلەرگە قاتناش، ياتاق، يېمەك – ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تىجارەتچىلەر قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى، مەجبۇرىيىتىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

    50 – ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ تاۋىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ جىسمانىي، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ساياھەت تىجارەتچىلىرىدىن ئالاقىدار سۈپەت ئۆلچىمى دەرىجىسىگە ئېرىشكەنلىرىنىڭ ئەسلىھەسى ۋە مۇلازىمىتى مۇناسىپ ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. سۈپەت ئۆلچىمى دەرىجىسىگە ئېرىشمىگەنلىرى ئالاقىدار سۈپەت دەرىجە نامى ۋە بەلگىسىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ.

    51 – ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى تاۋار ياكى مۇلازىمىتىنى ساتقان، سېتىۋالغاندا پارا بەرسە ياكى پارا ئالسا بولمايدۇ.

    52 – ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى تىجارەت داۋامىدا بىلىپ قالغان ساياھەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك.

    53 – ماددا تاشيول ساياھەت يولۇچى تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر تاشيول يولۇچى تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى ھەمدە ئاپتوموبىلنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە تاشيول ساياھەت يولۇچى تىرانسپورت مەخسۇس بەلگىسى ئېسىشى، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە تىجارەتچىنىڭ ۋە شوپۇرنىڭ ئۇچۇرى، يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ نازارەت قىلىش تېلېفونى قاتارلىقلارنى چىقىرىپ قويۇشى كېرەك.

    54 – ماددا مەنزىرە رايونى، ياتاق تىجارىتى قىلىدىغانلار قىسمەن تىجارەت تۈرىنى ياكى تىجارەت ئورنىنى باشقىلارنىڭ ياتاق، يېمەك – ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، سەيلە قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت قاتنىشى قاتارلىق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بەرگەن بولسا، ئەمەلىي تىجارەت قىلغۇچى تىجارەت جەريانىدا ساياھەتچىلەرگە كەلتۈرگەن زىيان ئۈچۈن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

    55 – ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى چېگرادىن كىرىش – چىقىش ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللىگەن ۋە كۈتۈۋالغاندا، ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 16 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ياكى دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

    56 – ماددا دۆلەت ساياھەت پائالىيىتىنىڭ خەۋپ – خەتەر دەرىجىسىگە ئاساسەن ساياھەت كوپىراتىپى، ياتاق، ساياھەت قاتنىشى شۇنىڭدەك مۇشۇ قانۇننىڭ 47 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن خەۋپ – خەتىرى يۇقىرى ساياھەت تۈرى تىجارىتى قىلىدىغانلارغا جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

   1 2 下一页  

[يۇلتۇز]
010020070830000000000000011100001327820171