سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمانلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2013-06-20

   2012– يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن بىر تۈركۈم ئىلغار شەخسلەر مەيدانغا كەلدى. ئۇلار ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرىغاندا، خەتەردىن قورقماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بىلەن تىللاردا داستان بولغۇدەك ھەققانىيەت مېلودىيەلىرىنى ياڭراتتى. ئۇلار ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاكتىپ ئەمەلىيەتچىلىرى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنىڭ ۋارىسلىرى ۋە جارى قىلغۇچىلىرى، كادىرلار، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان، رەزىللىكنى جازالاپ، ياخشىلىقنى جارى قىلدۇرىدىغان، خالىس تۆھپە قوشىدىغان ئالىيجاناپ پەزىلىتىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ، ‹‹ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەش››تىن ئىبارەت شىنجاڭچە روھنى نامايان قىلدى. ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، توغرا ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكىدەك قارار چىقاردى:

    بىرىنچى، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەسىدىن نىياز مۇسا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن لى يۈەنجۈن، ئۆتكۈر ئۆمەرجان قاتارلىق ئۈچ كىشىگە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان›› دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلىدۇ، ھەر بىر كىشىگە 50 مىڭ يۈەندىن مۇكاپات ۋە بىر قېتىمدا 100 مىڭ يۈەن نەپىقە پۇلى بېرىلىدۇ.

    ئىككىنچى، تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخۇ شەھىرىدىكى شىنجاڭغا ئىشلىگىلى كەلگەن نىڭشيالىق ئىشلەمچى بەي جىڭساڭ قاتارلىق تۆت كىشى، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىدىن ئەنۋەر ئوبۇلقاسىم قاتارلىق ئون كىشىگە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمانلار كوللېكتىپى›› دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلىدۇ. بەي جىڭساڭغا بىر قېتىمدا 100 مىڭ يۈەن نەپىقە پۇلى بېرىلىدۇ، كوللېكتىپقا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ؛ ئەنۋەر ئوبۇلقاسىمغا بىر قېتىمدا 100 مىڭ يۈەن نەپىقە پۇلى بېرىلىدۇ، كوللېكتىپقا 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.

    يۇقىرىدىكى قەھرىمان نەمۇنىچى شەخسلەر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    ئۈچىنچى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى(گۇرۇھ) شىركىتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹جۇڭتەي›› خىمىيە (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹شىنيې›› دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ سېلىنما – تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىبارەت سەككىز ئورۇنغا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان نەمەنۇنىچى ئورۇن›› دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلىدۇ.

    تۆتىنچى، شىنجاڭ ‹‹سەنباۋ›› گۇرۇھ شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋە باش دىرېكتورى كاڭ خېپىڭ، شىنجاڭ ‹‹خۇاچۇن›› مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە باش لىدىرى لى چېڭگۇڭ، ‹‹ماركور›› مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى فېڭ دۇڭمىڭ، شىنجاڭ يېشىللىق ئەلچىسى ھاۋا مۇھىتى تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ شياڭياڭ، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ شېڭ قاتارلىق بەش كىشىگە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان نەمۇنىچى شەخس›› دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلىدۇ.

    بەشىنچى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جەمئىيەت باشقۇرۇش – جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى ئىشخانىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق جەمئىيەت باشقۇرۇش – جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات – سودا كوپىراتىپى بىرلەشمىسى قاتارلىق تۆت ئورۇنغا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 2012 – يىللىق ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن›› دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلىدۇ.

    ئالتىنچى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى) جاڭ يۈجۇڭ، قەشقەر ۋىلايەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شىمىڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ جيەنپىڭ، خوتەن ۋىلايىتى كىرىيە ناھىيەلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى) ياڭ يۈلىن، ئالتاي ۋىلايەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى كەسپىي يېتەكچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىمىڭ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى جەمىيىتىنىڭ كادىرى دېڭ شياڭچىن (ئايال)، قاراماي شەھەرلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى شۈ مىنجۈەن (ئايال)، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى نەپىقە بېرىش – ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى فۇ لىئەن، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى ۋېڭ جۇڭچېڭ قاتارلىق توققۇز كىشىگە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 2012 – يىللىق ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىشلىرىدىكى ئىلغار شەخس›› دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلىپ، ھەر بىر كىشىگە 1000 يۈەندىن مۇكاپات بېرىلىدۇ.

    تەقدىرلەنگەن قەھرىمان، ئىلغار ئورۇن، ئىلغار شەخسلەرنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، يەنىمۇ تىرىشىپ، نەمۇنىلىك – باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دەۋر يۈكلىگەن بۇرچى ۋە جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئۈلگىلىك ئىش – ئىزلىرىدىن، ئۇلارنىڭ قۇربان بولۇشتىن قورقماي، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بىلەن قوغدايدىغان قورقماس روھىدىن ئۆگىنىپ، ‹‹شىنجاڭچە روھ››نى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

    2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى

(تامام)

[يۇلتۇز]
010020070830000000000000011100001324710381