شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئارال شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى باشقىدىن بېكىتىش توغرىسىدىكى قارارى
مەسئۇل مۇھەررىر:  يۇلتۇز     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2013-05-30 17:39:11

    (2013–يىل 5–ئاينىڭ 29–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ2–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاقسۇ شەھىرى، ئاۋات ناھىيەسى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ قىسمەن مەمۇرىي رايونلىرى ئارال شەھىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىلىپ، جىڭيىڭچۈەن بازىرى قۇرۇلدى. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئارال شەھىرىنىڭ مەمۇرىي رايونىدا ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، ئارال شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى 168 بولۇشنى قارار قىلدى.(تامام)

010020070830000000000000011100001324201271