سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

گوۋۇيۈەننىڭ ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

مۇھەررىر: يۇلتۇز
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2013-03-25

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن، يەنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىش ئورگىنى، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئىجرا قىلىش ئورگىنى بولۇپ، ئۇ زۇڭلى، مۇئاۋىن مزۇڭلى، دۆلەت كومىسسارى، ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن . گوۋۇيۈەندە زۇڭلى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.

    گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى زۇڭلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، گوۋۇيۈەننىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئىشخانىسىغا باش كاتىپ رەھبەرلىك قىلىدۇ .

    گوۋۇيۈەننىڭ ئورگانلارنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

    گوۋۇيۈەن تارقاتقان (2013) 14-نومۇرلۇق

    ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلىرىغا :

    12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا قارار قىلىپ تەستىقلانغان ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋە فونكىسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھەسى ›› ۋە گوۋۇيۈەننىڭ1-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە ئورگانلار، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ئىش بېجىرىش ئورگانلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارنى تەسىس قىلىش لايىھەسىگە ئاساسەن، ھازىر گوۋۇيۈەن ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ :

    1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى

    2. گوۋۇيۈەننى تەشكىل قىلىدىغان ئاپپاراتلار:

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەپتىش مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مالىيە مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سۇچىلىق مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى

    جۇڭگو خەلق بانكىسى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇپەتتىشلىك مەھكىمىسى

    (بۇنىڭ ئىچىدە تەپتىش مىنىستىرلىقى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە ئىش بېجىرىدۇ، ئورگان گوۋۇيۈەننىڭ تەرتىپىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئىشتاتى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ . مائارىپ مىنىستىرلىقىدا سىرتقا قارىتا دۆلەتلىك تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ۋىۋىسكىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ . سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدا سىرتقا قارىتا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ۋىۋىسىكىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ . مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدا سىرتقا قارىتا دۆلەتلىك ئاتوم بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ )

    3. گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە ئورگان:

    گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى

    4. گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار:

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاموژنا باش مەھكىمىسى

    دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى

    دۆلەتلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى

    دۆلەتلىك سۈپەت نازارەتچىلىكى، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسى

    دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى

    دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى

    دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى

    دۆلەتلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى

    دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى

    دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى

    دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى

    دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى

    دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى

    گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى

    گوۋۇيۈەن ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى

    (بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ۋىۋىسكىسى تەپتىش مىنىستىرلىقىغا قوشۇمچە ئېسىلىدۇ . دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىغا دۆلەتلىك نەشر ھوقۇقى ئىدارىنىڭ ۋىۋىسكىسى قوشۇمچە ئېسىلىدۇ ).

    5. گوۋۇيۈەننىڭ ئىش بېجىرىش ئورگانلىرى :

    گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسى

    گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى

    گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى

    گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسى

    (گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىغا مەركىزىي كومىتېت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بىلەن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىغا مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى بىلەن، گوۋۇيۈەن بىدئەدچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسىغا مەركىزىي كومىتېت بىدئەدچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە بىر ئورگاندا ئىككى ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ ).

    6. گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار:

    شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى

    جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى

    جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى

    جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى

    گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى

    دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتى

    جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى

    جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى

    جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى

    جۇڭگو ئاكسىيەنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى

    جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى

    مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى جەمئىيىتى

    دۆلەتلىك تەبىئىي پەنلەر فوندى كومىتېتى

    (تامام)

[يۇلتۇز]
010020070830000000000000011100001322600731