سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2013-03-18

     2013 -يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

    12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگونىڭ 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى. يىغىندا 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى ، ئىلىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرغا قويۇلغان بۇندىن كېيىنكى بىر يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى قۇۋۋەتلىنىپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

    يىغىندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلىندى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 1-،2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شاۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملىقىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، قارار قىلىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قانۇنچىلىقىنىڭ بىرلىكىنى، ھۆرمىتىنى ۋە نوپۇزىنى قوغداپ، مەركەزنىڭ زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇشتەك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق دۆلىتى قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى بەرپا قىلىپ بولۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.(تامام)

[قەلبىنۇر]
010020070830000000000000011100001322432341