سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2013-03-18

     12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى.

    2013-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا ماقۇللانغان.

    12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ جيەنمىن بەرگەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى. يىغىندا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرغا قويۇلغان 2013-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى قۇۋۋەتلەندى ھەمدە بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلىندى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شاۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قارشىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈپ، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇننى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.(تامام)

[قەلبىنۇر]
010020070830000000000000011100001322432311