ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى    يوللانغان ۋاقىت:  2013-03-05 16:59:33

    2013-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 21-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىكخەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا بېرىلگەن

    گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ

    ۋەكىللەر:

    ھازىر مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ئۆتكەن 5 يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن ھەمدە بۇ يىللىق خىزمەت توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن، ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىشىنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

    1. ئۆتكەن 5 يىللىق خىزمەت ئەسلىمىسى

    11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدىن بۇيانقى 5 يىل دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە 5 يىل بولدى. بىز خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزراق راۋاجلىنىشىنى ساقلاپ قالدۇق. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 26 تىرىليون 600 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ، 51 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى؛ جامائەت مالىيە كىرىمى 5 تىرىليون 100 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ، 11 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يەتتى؛ شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن جەمئىي 58 مىليون 700 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى %8.8، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە يىللىق ساپ كىرىمى %9.9 ئاشتى؛ ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ »ئۇدا 9 يىل ئېشىشى« ئەمەلگە ئاشتى؛ مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلدى، ئوچۇق ئىگىلىك يېڭى سەۋىيەگە يەتتى؛ ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، ئاي چارلاش قۇرۇلۇشى، ئادەملىك چوڭقۇر چۆكمە، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى، سۇپىر كومپىيۇتېر، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قاتارلىق جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، تۇنجى ئاۋىياماتكا»لياۋنىڭ« ناملىق ئاۋىياماتكا سەپكە كىردى؛ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە شاڭخەي دۇنياۋى كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى؛ ۋېنچۇەندىكى پەۋقۇلئاددە قاتتىق يەر تەۋرەش، يۈشۇدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش، جۇۋچۈدىكى پەۋقۇلئاددە چوڭ تاغ كەلكۈنى، لاتقا-شېغىللىق ئېقىنى قاتارلىق ئېغىر تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-قايتا قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى قولغا كەلدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال كۈچى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، خەلقئارا ئورنى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بىز«11-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى تولۇق ئورۇنلاپ، «21-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدۇق، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ئاچتۇق.