سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ۋېن جياباۋ 629-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەننىڭ بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-11-19

     گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ يېقىندا 629-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەننىڭ بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى. گوۋۇيۈەننىڭ بۇيرۇقىدا مۇنداق دېيىلدى: «يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى» 2012-يىلى 24-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ 222- قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ.

    يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى پائالىيىتىدىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارغا ئاساسەن بۇ نىزام تۈزۈپ چىقىلدى.

    «يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا نىزامى» بەش باپ 33 ماددىدىن تەركىب تاپىدۇ.(تامام)

[قەلبىنۇر]
010020070830000000000000011100001319841341