شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى›› نى يولغا قويۇش چارىسى
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-08-21 16:56:31

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى 179–نومۇرلۇق

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2012–يىل 7–ئاينىڭ 18–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 33–قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدۇق، 2012–يىل 9–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

    2012–يىل 7–ئاينىڭ 24–ئىيۇل

    1–ماددا بۇ چارە گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

    2–ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈشكە تەتبىقلىنىدۇ. ئەمما، شەھەر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

    3–ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىش ئاساس، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش پىرىنسىپى ئاساس قىلىنىدۇ.

    4–ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەرىجىمۇ دەرىجە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشكە دائىر نىشان، ۋەزىپە، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى قاتارلىقلارنى يىللىق نىشانلىق باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.

    5–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك:

    1) ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشكە قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى قۇرۇش؛

    2) نۇقتىلىق ئورمان رايونىدا ئوت ئاپىتىنى كۆزىتىش مۇنارى، ئېلېكتىرونلۇق كۆزىتىش قاراۋۇلخانىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش؛

    3) ئورمان رايونىدىكى ئاساسلىق كىرىش ئېغىزى ياكى كىشىلەر كۆپ ھەرىكەت قىلىدىغان جايلاردا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە مەڭگۈلۈك تەشۋىقات – ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىش؛

    4) ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش؛

    5) ئورمان بايلىقىنىڭ ئەمەلىي تارقىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوت ئاپىتىدىن بىيولوگىيەلىك مۇداپىئەلىنىش ئورمان بەلبېغى ياكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئارىلىقى بەرپا قىلىش، ئوت مۇداپىئە يولىنى ياساش.

    ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس ئاپتوموبىلىنى سېتىۋېلىش بېجى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ يولدىن ئۆتۈش ھەققى، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس رادىيو ئىستانسىسىنىڭ سىمسىز خەۋەرلىشىش چاستۇتىسىنى ئىگىلەش ھەققى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

    6–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس مەبلىغىنى تەسىس قىلىدۇ ھەمدە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا قاراپ، تەدرىجىي كۆپەيتىدۇ.

    ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس مەبلىغى ئاساسلىقى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش كۈندىلىك خىزمىتى، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىق–تەربىيەسى، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش پەن تەتقىقاتى، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش جابدۇقىنى سەپلەش ۋە مەشىق قىلىش، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    7–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەسىس قىلغان ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. كۈندىلىك خىزمەتلەرنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاۋىياتسىيەلىك ئورمان ئاسراش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئورمان ئاسراشنى ئاۋىياتسىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش–قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاۋىياتسىيەلىك ئورمان ئاسراش ئۇل ئەسلىھەسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋىياتسىيەلىك ئورمان ئاسراشقا ئېھتىياجلىق راسخوتقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    8–ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    تەرەققىيات–ئىسلاھات، مالىيە، چارۋىچىلىق، قاتناش–تىرانسپورت، خەلق ئىشلىرى، مېتېئورولوگىيە، ساياھەت، رادىيو–تېلېۋىزىيە، خەۋەرلىشىش، ج خ ئوت مۇداپىئەسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

    9–ماددا ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.