ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى›› (ش پ[2009]11 -نومۇرلۇق)ھەققىدە سوئاللارغا جاۋاب
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-08-21 16:56:31

    1.قانداق كىشىلەر كەسىپ تېخنىكا ماھارىتىنى ھەقسىز ئۆگىنەلەيدۇ؟

    جاۋاب: (1) ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار مەكتەپ يېشىغا يەتمىگەن بالىلار سىنىپى، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتناشسا، مەكتەپ يېشىغا يەتمىگەن بالىلار سىنىپى، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ؛ (2) ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار كەنت دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى تېببىي خادىملىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتناشسا، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى ھەقسىز تەربىيەلىنىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ (3) يېزا ئائىلىلىرى، شەھەر – بازارلاردىكى نامرات ئائىلىلەردىن ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار كەسىپ تېخنىكا ماھارىتىنى ھەقسىز ئۆگىنىدۇ.

    2. كارخانىلار ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلسا، قانداق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؟

    جاۋاب: ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ھەم ئۇلار بىلەن بىر يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزگەن كارخانىلارغا توختامنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش مۇددىتى بويىچە ئۈچ يىللىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى ھەر دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە كەسپىگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرغان بولسا، تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

    3.ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەر يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا قاتناشسا، قانداق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرلىنىدۇ؟

    جاۋاب: يېزىغا قايتىپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرگە ئەمەلىي سۇغۇرتىلاتقان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈرى بويىچە ئۈچ يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى ۋە شۇ جايدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆلچىمى بويىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. يېزا – بازارلاردىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، ئوخشاشلا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى ۋە تۇرمۇش خىراجىتى تولۇقلىمىسىدىن بەھرلىنىدۇ.

    4.ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى قىلسا، قانداق سىياسەتلەردىن بەھرلىنىدۇ؟

    جاۋاب: ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى قىلسا، تۇرمۇش خىراجىتى تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن بەھرلىنىدۇ. تۇرمۇش ياردەم پۇلى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە جايلارنىڭ مەخسۇس مەبلەغ فوندىدىن ئاجرىتىلىدۇ. پىراكتىكا مۇددىتى بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولىدۇ، پىراكتىكا مەزگىلى ياكى پىراكتىكا مۇددىتى توشقاندا پىراكتىكا قىلغان ئورۇن تەرىپىدىن خىزمەتكە رەسمىي قوبۇل قىلىنسا، مائاش ئىستاژى پىراكتىكا مەزگىلىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

    5. كارخانىلار شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرسا، قانداق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرلىنىدۇ؟

    جاۋاب: شىنجاڭدا تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلار ۋە شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە ئالغان كارخانىلار يېڭى ئىشچى قوبۇل قىلغاندا، قوبۇل قىلىدىغان شىنجاڭلىق ئىشچىلار %50تىن ئاز بولماسلىقى ھەم ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلارنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك قوبۇل قىلىشى كېرەك. شىنجاڭلىق ئىشچىلارنى قوبۇل قىلسا، ھۆكۈمەت كارخانا ئەمەلىي تاپشۇرغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ %50ى بويىچە ئۈچ يىللىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تولۇقلىمىسى بېرىدۇ.

    6.يېزا (بازار)، كەنت تەشكىللەپ يولغا قويغان ‹‹بىر يىلدا بىر ئائىلىدىن بىر كىشىگە بىر ماھارەت ئۆگىتىش›› بويىچە بېيىش تېخنىكا ماھارىتى تەربىيەسىدە قانداق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرلەنگىلى بولىدۇ؟

    جاۋاب: يېزا (بازار)، كەنت تەشكىللەپ يولغا قويغان ‹‹بىر يىلدا بىر ئائىلىدىن بىر كىشىگە بىر ماھارەت ئۆگىتىش›› بويىچە بېيىش تېخنىكا ماھارىتى تەربىيەسىگە كېرەكلىك ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاق، تاماق، قاتناش ۋە دەرس ئۆتۈش ھەققى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

    7.ئاپتونوم رايوننىڭ مەھەللىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىنلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشىنى قوللايدىغان قانداق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بار؟

    جاۋاب: مەھەللىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون يېزا، بازار، مەھەللىلەردە كىشى بېشىغا يىلدا ئون يۈەنلىك ئۆلچەم بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش فوندى تەسىس قىلىپ، مەھەللىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بېرىدۇ.(تامام)