ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى›› (ش پ[2010]18 -نومۇرلۇق)ھەققىدە سوئاللارغا جاۋاب
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-08-21 16:56:31

    1.كارخانىلار ۋە يەككە سودا – سانائەتچىلەر ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرسا، قانداق باج ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؟

    جاۋاب: كارخانىلار ۋە يەككە سودا – سانائەتچىلەر شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىر يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەم ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، بەش يىل ئىچىدە ئەمەلىي قوبۇل قىلغان ئادەم سانى بويىچە، ھەر يىلى ھەر بىر كىشى ئۈچۈن 4000 يۈەننى چەك قىلىپ، يەرلىك باج سوممىسىنى كېمەيتىشكە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلغانلارغا قارىتا چەك ئۆلچىمىنى %20 كۆپەيتىشكە بولىدۇ.

    2.ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا قوبۇل قىلغان كارخانىلار قانداق قەرز پۇل ئۆسۈم سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؟

    جاۋاب: كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ياكى قىزلارنى ئىشقا قوبۇل قىلىپ، بىر يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ۋە بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، ھەر يىلى ھەر بىر كىشى ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى مۇددىتى ئەمگەك توختامىنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش مۇددىتى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بەش يىل بولىدۇ. ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىنىڭ سوممىسى ئەمەلىي قوبۇل قىلغان ئادەم سانىنىڭ ئومۇمىي سانى بويىچە بولۇپ، پاكىتقا ئاساسەن بېرىلىدۇ.

    3.ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر كارخانىلارغا ئورۇنلاشسا، قانداق ياردەم سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؟

    جاۋاب: ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر كارخانىلارغا ئورۇنلىشىپ، بىر يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەم بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، شەخسىي تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىگە تولۇق سوممىلىق ياردەم بېرىلىدۇ، ياردەم بېرىش مۇددىتى ئەمگەك توختامىنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش مۇددىتى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىل بولىدۇ.

    4. ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە قارىتا قانداق ئېتىبار سىياسەتلىرى يولغا قويۇلىدۇ؟

    جاۋاب: دەسلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرگە نىسبەتەن ‹‹ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئەنگە ئېلىش›› تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، بىر يىللىق ئەنگە ئېلىش مۇددىتى ئىچىدە ھېچقانداق خىراجەت ئېلىنمايدۇ. ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەردىن دەسلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلارغا رويخەتكە ئالدۇرۇش كاپىتالى ‹‹تۇنجى قارارلىق ھەق تاپشۇرماسلىق›› ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىپ ئىككى يىل ئىچىدە مەبلەغ چىقارغۇچى ئېتىراپ قىلغان رويخەتكە ئالدۇرۇش مەبلىغى (رويخەتكە ئالدۇرۇش مەبلىغى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن رويخەتكە ئالدۇرۇش مەبلىغىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك) تاپشۇرغانلاردىن ئۈچ يىل ئىچىدە باشقۇرۇش، تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە گۇۋاھنامە قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي خاراكتېرىدىكى ھەق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۇ، توك ھەققى ئازايتىلىدۇ. ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارىتىلغان سۇ باھاسى سانائەتتە ئىشلىتىدىغان سۇ باھاسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، توك باھاسى ئادەتتىكى باھا بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەسلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەردىن ئۈچ يىلغىچە يەرلىك باج ئېلىنمايدۇ، ئىككى يىل يېرىم كېمەيتىلىدۇ.

    ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئېلىش ئىلتىماس قىلىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلغانلار ۋە تەشكىللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئوتتۇرىچە سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن، ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى بېرىلىدۇ. قەرز پۇلىنىڭ مۇددىتى ئۈچ يىل ئۈزارتىلىدۇ، قەرز پۇلىنىڭ مۇددىتى توشۇپ، مۇددەتنى ئۇزارتماقچى بولغانلارغا بىر يىل ئۇزارتىپ بېرىلىدۇ. قەرز پۇلى مۇددىتى ئىچىدە ئومۇمىي سوممىسى بويىچە ياردەم ئۆسۈمى بېرىلىدۇ، مۇددىتى ئۇزارتىلىش مەزگىلىدە ياردەم ئۆسۈمى بېرىلمەيدۇ. ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، شۇنداقلا ۋاقتىدا قەرز پۇلى قايتۇرۇپ، ئۈچتىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلارغا ئىككىنچى قېتىم ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى بېرىلىدۇ.

    5.ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئائىلە مۇلازىملىقى بىلەن شۇغۇللانغانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالامدۇ؟

    جاۋاب: جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئائىلە مۇلازىملىقى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى بىلەن ئومۇمىي سوممىسى بويىچە ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ، مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

    6. ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام ۋە چەت – ياقا رايونلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار قانداق ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؟

    جاۋاب: ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ، يېزا (بازار)، كەنت ۋە شەھەر – بازار مەھەللىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە دۆلەت، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن نامرات ناھىيە، چېگرا ناھىيەلەردىكى يېزا (بازار)، كەنت ئىجتىمائىي باشقۇرۇش، شۇنداقلا جامائەت مۇلازىمەت ئىش ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى (<ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند>نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، مۇددىتى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق بولمايدۇ.