گوۋۇيۈەن يېقىندا تاش يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-08-21 16:56:31

    ئاپتوبۇس ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ‹‹نورمىدىن ئاشۇرۇۋېتىش›› قىلمىشلىرىنى جازالاش مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››دە: ئاپتوبۇس ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، نورمىدىن ئارتۇق يولۇچى سېلىش، نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش قاتارلىق قىلىمىشلىرى خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىك دەپ قارىلىپ، شوپۇرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، دېيىلدى.

    ‹‹پىكىر››دە مۇنداق دېيىلدى: تاشيول قاتنىشىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. تاشيول چارلاش، باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش كۈچەيتىلىپ، ئاپتوبۇس، ساياھەت ئاپتوموبىللىرى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار قاتارلىق نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىلنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، ئاپتوبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق يولوچى سېلىش، ئاپتوموبىلغا نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش، ھېرىپ–چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، يۈك ئاپتوموبىللىرى يولنى قانۇنغا خىلاپ ئىگىلەپ مېڭىش، بەلگىلىمە بويىچە بىزەندە تارتماسلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلىدۇ، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، سۈرئىتى ئاستا يۈك ئاپتوموبىلى ۋە تىراكتورلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئادەم سېلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇن بويىچە كۈچەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىشنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

    شوپۇرلار ‹‹قارا تىزىملىك›› ئۇچۇر ئامبىرى تەسىس قىلىنىدۇ

    گوۋۇيۈەن يېقىندا ‹‹تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئېلان قىلىپ، ئاپتوبۇس ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتوبۇس ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىش ئۇچۇرى، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئۇچۇرى ۋە قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىش ئۇچۇرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شوپۇرلار ‹‹قارا تىزىملىك›› ئۇچۇر ئامبىرى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

    ‹‹پىكىر››دە شوپۇرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلاردىن ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتوبۇس ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلاردىن ئىمتىھان ئېلىشتا مۇرەككەپ يولدا، ناچار ھاۋا رايىدا ھەيدەش، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى سىناش مەزمۇنى قوشۇلىدۇ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئاپتوبۇس، يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىدىن كەچتە ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ. چوڭ ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش دۆلەت كەسپىي تەربىيەلەش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، يۇقىرى ساپالىق ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى تىرىشىپ ھەل قىلىنىدۇ. قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغان شوپۇرلارنى تەربىيەلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئۇلاردىن ئىمتىھان ئېلىپ پىراۋا تارقىتىش، مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.