سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-06-26

    (1993 – يىل 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1997 – يىل 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 – يىغىنىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىى> يولغا قويۇش چارىسى››گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى، 2012 – يىل 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 – يىغىنىدا تۈزىتىلدى)

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ چارە مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باراۋەر، تولۇق قاتنىشىشىنى، ئىجتىمائىي ماددىي مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلان تۈزۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مېيىپلەر خىزمىتى ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىغا دائىر خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ.

    دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر – يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار ئۆز تەۋەسىدىكى مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

    مېيىپلەر بىرلەشمىسى مېيىپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، مېيىپلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەربىيەلەپ، مېيىپلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

    3 – ماددا مېيىپلەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە ئىنسانىي ئىززىتىنى قانۇن قوغدايدۇ. پۈتۈن جەمئىيەت باراۋەر بولۇش، قاتنىشىش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىشى، مېيىپلەرنى چۈشىنىشى، ھۆرمەتلىشى، ئۇلارغا كۆيۈنۈشى ۋە ياردەم بېرىشى، مېيىپلەر ئىشلىرىنى قوللىشى لازىم.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ دۆلەت ئىشلىرى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي ئىشلارغا ھەر خىل يول ۋە شەكىللەر بىلەن قاتنىشىشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزگەندە ياكى مېيىپلەر ئىشلىرىغا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى بەلگىلىگەندە، مېيىپلەرنىڭ ياكى مېيىپلەر تەشكىلاتىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى لازىم.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 下一页  

[قەلبىنۇر]
010020070830000000000000011100001316774871