سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-06-25

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (50 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى>;نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2012 – يىل 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2012 – يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    2012 – يىل 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

    (2012–يىل 3–ئاينىڭ 28–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ چارە دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە يېتەكلەش، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ تەشكىلى ۋە ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىگە شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش، يۆلەش، يېتەكلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى يېزا ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساسىدا ئوخشاش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار ياكى ئوخشاش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتىگە مۇلازىمەت قىلغۇچىلار ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغۇچىلار ئىختىيارىي بىرلەشكەن، دېموكراتىك باشقۇرىدىغان ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدۇر.

    دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئەزالىرىغا ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، پىششىقلاش، توشۇش، ساقلاش شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتىگە ئالاقىدار تېخنىكا، ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرىنى قىلىدۇ.

    دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى دېھقان (چارۋىچى) لارنى ئاساس، ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت، بازارنى يېتەكچى قىلىدۇ، بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ، كوپىراتىپقا ئىختىيارىي كىرىش، كوپىراتىپتىن ئىختىيارىي چېكىنىش، ئەزالىرىنىڭ ئورنى باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، نىزامنامىسى بويىچە پائالىيەت قىلىدۇ، دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، پايدىنى ئاساسلىقى ئەزالىرىنىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى بىلەن قىلغان سودا مىقدارى (سوممىسى) بويىچە قايتۇرىدۇ، پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ، خېيىم – خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页  

[قەلبىنۇر]
010020070830000000000000011100001316751371