شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-05-02 16:40:50

 (2011 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭئېلانى

    (44 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى> نى يولغا قويۇش چارىسى›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    2011 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ چارە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى›› ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە بۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىشنىڭ ئالدىنقى نىشانى قىلىپ، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى بازار ئارقىلىق تەڭشەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھۆكۈمەت ئىلگىرى سۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە بىرلەشتۈرۈپ،كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش بىلەن ئىشقائورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى باھالىشى ھەمدە قارىمىقىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنى ۋە بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىنى باھالىشى ۋە نازارەت قىلىشى كېرەك.

    5 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقائورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئۆز مەمۇرىيرايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ، مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئۆزمەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىش تەقسىماتى بويىچە ئىشلەيدۇ.

    6 – ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە ياردەملىشىپ، ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

    7 – ماددا رادىيو – تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت قانۇن – نىزام ۋە سىياسەت تەشۋىقاتى قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدىكى ئىلغار تىپلارنى خەۋەر قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنى توغرا ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

    8 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشقائورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ بولغان، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار، ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە 3 – كەسىپنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى پائال يارىتىپ بېرىشى كېرەك.