سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4–يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: خەلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-27

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4–يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى— سىياسىي كېڭەش 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنىدا بېرىلگەن

2012–يىلى 3–مارت

لىن ۋېنچى

ئەزالار:

    مەن جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا سىياسىي كېڭەش 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 4–يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن !

   1سىياسىي كېڭەش 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 4–يىغىنىدىن بۇيان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقۇچى ئورۇنلار ۋە مەخسۇس كومىتېتلار دۆلەت ئىشلىرىغا رىشتە باغلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش تېما ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە–تەدبىر كۆرسەتتى. بىر يىلدىن بۇيان، جەمئىي 6076 تەكلىپ تاپشۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئومۇمىي يىغىن مەزگىلىدە بېرىلگەن تەكلىپ 5762، يىغىن يېپىق مەزگىلىدە بېرىلگەن تەكلىپ 314. تەكشۈرۈش ئارقىلىق رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپ 5603 ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار بەرگەن تەكلىپ 5288، سەككىز دېموكراتىك پارتىيە–گورۇھ مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بەرگەن تەكلىپ 279، خەلق تەشكىلاتلىرى بەرگەن تەكلىپ، ساھەلەر، گۇرۇپپىلار بەرگەن تەكلىپ 29، مەخسۇس كومىتېتلار بەرگەن تەكلىپ 2. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تەكلىپلەرنى مەزمۇنى مول، سۈپىتى تەدرېجىي ئاشقان بولۇپ، ئەزالارنىڭ مەركىزىي خىزمەتلەرنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشتەك يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى نامايان قىلىنغان.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەكلىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەكلىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەكلىپ ئارقىلىق فۇنكىسىيە ئادا قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. تەكلىپ بېجىرگۈچى ئورۇنلار سىياسىي كېڭەش تەكلىپىنى بېجىرىشنى ئامما بىلەن قويۇق ئاقالە باغلاش، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش، تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، تەكلىپ–تەۋىسيەلەرنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. نۇرغۇن ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى ئۆزى بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرۇپم نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە بىۋاستە قاتنىشىپ، بېجىرىش جاۋابنامىسىنى تەكشۈرۈپ ئىمزا قويدى. 2012–يىلى 20–فېۋرالغىچە، بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلغان تەكلىپ 5583، بۇ رويخەتكە ئېلىنغان ئومۇمىي تەكلىپ سانىنىڭ %99.64 ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ھەل قىلىنغىنى ياكى قوبۇل قىلىنغىنى %28.26 نى، پىلانغا كىرگۈزۈپ ھەل قىلىنماقچى ياكى قوبۇل قىلىنماقچى بولغىنى %58.69 نى، پايدىلىنىشقا قالدۇرۇلغانلىرى %13.05 نى ئىگىلىدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، سىياسىي كېڭەش تەكلىپلىرى 12–بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ياخشى باشلاش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

    (1) ئەزالار باش تېما ۋە ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ھەمكارلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك تەرەققىياتىنى ساقلىشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشقا دائىر تەكلىپلەر دۆلەت تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، پەن–تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش، يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت–تەدبىر تۈرۈشنى قىممەتلىك پايدىلانما بىلەن تەمىن ئەتتى. ئوتتۇرا–كىچىك كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوتتۇرا–كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇشقا دائىر تەكلىپلەرنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلارشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو بانكىچىلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا–كىچىك كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، گوۋۇيۈەننىڭ ئەل ئارا سېلىنمىسىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەشكە دائىر 36 تۈرلۈك يېڭى بەلگىلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەل ئارا كاپىتال بازىرىنى تەدرېجىي يېتەكلەپ ۋە جانلاندۇرۇپ، سودا بانكىلىرىنىڭ ئوتتۇرا–كىچىك كارخانىلار، بولۇپمۇ كىچىك كارخانىلار ۋە مىكرو كارخانىلارغا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللىدى. جايلارنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خېيىم–خەتىرىدىن ساقلىنىشىغا دائىر تەكلىپلەرنى ئىقىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، جايلارنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش، جايلاردا قېلىپلاشقان قەرز ئېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزىمى ئورنىتىش، يوشۇرۇش خېيىم–خەتەردىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش پىكرىنى ئوتتۇرۇىغا قويۇپ، مەركەزنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىن ئەتتى. تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر تەكلىپلەرنى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو سۇغۇرتىچىلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار مەخسۇس تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ ئاساسىنى چىڭىتىپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ تېخنىكا ئەسلىھەلىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. چېگرا بويىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامرات رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق تەكلىپلەر گوۋۇيۈەننىڭ چېگرا بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن رايونلارنى راۋاجلاندۇرۇش تەرەققىيات پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۈننەن، شىنجاڭ قاتارلىق چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، گەنسۇدىكى دۇڭشياڭ ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش، ۋۇلىڭشەن تەۋەلىكىدىكى نامرات رايونلارنى يۆلەش–ئېچىش سالمىقىنى زورايتىشتا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، سۇ–تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئۇنىۋېرىسال تۈزەشنى كۈچەيتىش، چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىشكە دائىر تەكلىپلەرگە قارىتا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ–تەتقىق قىلىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2011–يىللىق 1–نومۇرلۇق ھۈججىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېزىلاردىكى ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، سۇ بايلىقىنى قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا دائىر پىكىرنى تۈزدى.

   1 2 3 4 5 下一页  

[قەلبىنۇر]
010020070830000000000000011100001315563701