شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قىسمەن يەرلىك نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  خەلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-27 12:12:27

 (2012–يىل 3–ئاينىڭ 28–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 35 – يىغىنىنىڭ قارارى:

   بىرىنچى، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <يەر باشقۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 48 – ماددا 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ: ‹‹قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ياكى شەخسلەر قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرگە يېڭىدىن سالغان قۇرۇلۇشنى بېكىتىلگەن مۆھلەت ئىچىدە چېقىشنى رەت قىلسا ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى داۋاملىق سالسا، جازالاش قارارى چىقىرىدىغان يەر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنى توسۇشقا ھوقۇقلۇق. توسۇيالمىسا، قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ››.

   ئىككىنچى، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گېئولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش نىزامى››نىڭ 36 – ماددا 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ: ‹‹بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش تارمىقى مۆھلەت ئىچىدە تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ؛ ۋاقتىدا تۈزىمىگەن، ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلەرگە دۆلەت زېمىن بايلىقى تارماقلىرى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ كان قېزىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كان قېزىش ئىجازەتنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنىدۇ››.

    ئۈچىنچى، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش نىزامى››نىڭ 19 – ماددا 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ: ‹‹تۇتۇپ قېلىش ياكى تەكشۈرۈپ پىچەتلەش مەھسۇلاتنى تۇتۇپ قېلىش سۈرۈكى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. تەكشۈرۈپ پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشتا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈرۈكىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇزارتسا بولىدۇ، ئەمما ئۇزارتىش سۈرۈكى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا››.

   تۆتىنچى، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ ئۆلچەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى››نىڭ 22 – ماددا 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ: ‹‹تەكشۈرۈپ پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە بۇيۇملىرى مۇۋاپىق ساقلىنىشى شەرت، بۇزۇۋېتىشكە بولمايدۇ، تەكشۈرۈپ پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش سۈرۈكى 30 كۈندىن ئاشماسلىقى كېرەك؛ ئەھۋال مۇرەككەپ بولۇپ، سۈرۈكىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇزارتسا بولىدۇ، ئەمما ئۇزارتىش سۈرۈكى 30 كۈندىن ئاشماسلىقى كېرەك. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا››.

    بەشىنچى، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ئورمان قانۇنى>نى يولغا قۇيۇش چارىسى›› 1. 33 – ماددىدىكى بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ: ‹‹مەزكۇر چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي ئورمان بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ئورمان باغچىسى بىنا قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمان باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، مۆھلەت ئىچىدە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئالاقىدارلار مۆھلەت ئىچىدە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلمىسا، شۇنداقلا ئورمان باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەمۇرىي قارارىنى ئىجرا قىلمىسا، مەمۇرىي قارار چىقارغان ئورمان باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ››.