ئۆزگىرىش ياساپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى يولىدا كۈرەش قىلايلى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  خەلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-27 12:12:27
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق8–قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

(2011–يىل10–ئاينىڭ26–كۈنى)

جاڭ چۈنشيەن

يولداشلار:

   ھازىر مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بېرىمەن.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قۇرۇلتىيى مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلۇۋاتقان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىنىۋاتقان پەيتتە چاقىرىلغان ناھايىتى مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىرىش ياساپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىش.

   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرى: دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، پەن – تېخنىكا، مائارىپنى تىرەك قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇڭگودا غەربىي رايون ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش پەللىسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، گۈللەنگەن، باي ھەم ئىناق، مۇقىم بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

   1 .ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

   ئۆتكەن بەش يىل تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى بىر تۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر ساھەدىكى خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق.

   ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنى ئاشۇردۇق. 11 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 543 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يىلىغا %10.6 ئاشۇردۇق؛ ئومۇمىي مالىيە كىرىمىنى 119 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يىلىغا %24.6 ئاشۇردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى يەرلىك مالىيە خامچوت كىرىمىنى 50 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يىلىغا %22.7 ئاشۇردۇق. زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتۇق، شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى، 3 – كەسىپنى تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق.

   ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق. شىنجاڭنى پەن – مائارىپقا تايىنىپ گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشكە بولغان تۆھپىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق. ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مائارىپنى، بولۇپمۇ كەسپىي مائارىپنى ۋە ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق. نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو، كىنو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۇق.