شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-27 12:01:11

 (2011–يىل5–ئاينىڭ25–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ28–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە قوللاش، قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكىچە قارار چىقىرىلدى.

    1 .ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن قانۇن نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشى، قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى تەپتىش خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېلو ئېچىشنى نازارەت قىلىش، تەھقىقلەشنى نازارەت قىلىش، سوت قىلىشنى نازارەت قىلىش، شۇنىڭدەك جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراقىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيىتىدە قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

    2 .ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا ۋە قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەردە قانۇن نازارەتچىلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا دېلو ئېچىش ھالقىسىدا دېلو ئېچىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ دېلو ئاچماسلىق، قانۇنغا خىلاپ دېلو ئېچىش، تەھقىقلەش ھالقىسىدا قىيىن – قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرۇش، قانۇنغا خىلاپھالدا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش، مۇددەتتىن ئارتۇق قاماپ تۇرۇش، قانۇنسىز دەلىل – ئىسپات توپلاش، پۇل – مالنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تۇتۇپ قېلىش ۋە توڭلىتىش، دەۋا ھالقىسىدا شىكايەت قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ شىكايەت قىلماسلىق، نامۇۋاپىق شىكايەت قىلىش، سوت ھالقىسىدانەپسانىيەتچىلىك قىلىش، ناھەق ھۆكۈم – كېسىم چىقىرىش، جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھالقىسىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىپ خورلاش، شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ ھالدا جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى جىنايى ئىشلارغا چېتىلىدىغان جىنايەت دېلولىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك، جەرىمانىنى جازا ئورنىغا دەسسىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ نازارەت قىلىپ تۈزىتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا ۋە قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلارنىڭ قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    3 .ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم يولى ۋە تەدبىرى قىلىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزمەسلىكتىن كېلىپ چىققان خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ھوقۇققا چېقىلىش قاتارلىق ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى؛ قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن ئىجرا قىلىپ ۋە دېلو بېجىرىشكە بىرلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنىڭ ئالدىنىئېلىش بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

    4 .ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەھقىقلىگۈچى ئورگانلار، سوت ئورگانلىرى، جىنايى جازانى ئىجرا قىلغۇچى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورگانلار خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە يۈرگۈزۈپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك. تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى قىلىش جەريانىدىكى ئالاقىدار تەكشۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى ۋە تەپتىش تەكلىپىنى ۋاقتىدا بېجىرىشى ھەمدە بېجىرىش نەتىجىسىنىڭ جاۋابىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشى كېرەك.

    تەھقىقلىگۈچى ئورگانلار بىلەن تەپتىش ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بېرىش، دېلونى پاش قىلىش، دېلو ئېچىش، دېلونى قايتۇرۇش، قاماپ تۇرۇش ۋە مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

    سوت ئورگانلىرى تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە سۇنغان جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي ئېتىراز دېلولىرىنىقانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىشى، ئەسلىي ھۆكۈم – كېسىمدە خاتالىق بولسا، قانۇن بويىچە تۈزىتىشى؛ تەپتىش ئورگىنى ئوتتۇرىغا قويغان قايتا قاراپ چىقىش تەپتىش تەكلىپىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىتەپتىش ئورگىنىغا يازما ئەۋەتىشى كېرەك. قايتا قاراپ چىقىش تەپتىش تەكلىپى قايتا قاراپ چىقىش شەرتىگە توشسا، قانۇن بويىچە قايتا قاراپ چىقىشى؛ ئەيىبلەش دېلولىرىدىن سوت ئاچماسلىق ئۇسۇلى بىلەن قاراپ چىققانلىرىنى ۋە ئۆز ئالدىغاقايتا قاراپ چىقىشقا سۇنغان دېلولارنى تەڭ دەرىجىلىك تەپتىش ئورگىنىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى، ھۆكۈم نەتىجىسىنى ئۆزگەرتكەن بولسا، ھۆكۈم – كېسىم ھۆججىتىنى تەڭ دەرىجىلىك تەپتىش ئورگىنىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. سوت ئورگانلىرى تەڭ دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن بولغان سوت ئارخىپىنى ئالدۇرۇپ كۆرۈش ۋە باش تەپتىشنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جازا ئۆلچەشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.