شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر رايونى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ سانى توغرىسىدىكى قارارى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-27 12:01:11

(2011–يىل5–ئاينىڭ25–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ28–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

     ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى›› ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 – يىغىنى مۇنۇلارنى قارار قىلدى: ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىل سانى231 نەپەر، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ سانى 27 نەپەر بولىدۇ؛ ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىل سانى 131 نەپەر، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ سانى 17 نەپەر بولىدۇ.