قىسمەن ئورۇنلارنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن دېگەن شەرەپلىك نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-27 12:01:11

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن ئورۇنلار ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەندىن كېيىن، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى – ئەخلاق تەربىيەسى، باشقۇرۇش خىزمىتىنى بوشاشتۇرۇپ، ئىدارىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، كەسپىي خىزمەتلەرنى ئارقىدا قالدۇردى. قىسمەن رەھبىرىي كادىرلار قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ،مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چېكىندۈردى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېغىر داغ تەگكۈزۈپ،جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىي ئورۇن بەرپا قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى›› دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق 41 ئورۇننىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن دېگەن شەرەپلىك نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مەدەنىي ئورۇن مۇكاپاتىنى توختىتىش، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن دېگەن تاختىسىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەم ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ئومۇمىيئۇقتۇرۇش قىلىش قارار قىلىندى.

     ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن دېگەن شەرەپلىك نامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئورۇنلارنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن بولۇش ئۆلچىمى بويىچە، تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، مەنىۋى مەدەنىيلىكبەرپا قىلىش خىزمىتىنى، ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئاجىز ھالقىلارنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئورنىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

   ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى

2011 – يىل 2 – ئاينىڭ 14 – كۈنى