ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش(ئەمىنلىك قۇرۇلۇشى)تىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش قارار
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-27 12:01:11

      ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك، كەڭ قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا قوللانغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى 2006 – يىلىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئەمىنلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك، كەڭ قانات يايدۇردى، بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدا مۇھىم رول ئوينىدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئەمىنلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سىياسىي – قانۇن، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قوشۇنى كۈچەيدى، ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتى يەنىمۇ پۇختىلاندى، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىستېمىسى كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللەشتى، جىنايى ئىشلار، جەمئىيەت ئامانلىقى دېلولىرى، ئەرزىيەت دېلولىرى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى، ئاممىۋىۋەقەلەر كۆرۈنەرلىك ئازايدى، خەلقنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى، سىياسىي – قانۇن ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىن رازى بولۇش نىسبىتى يىلدىن – يىلغا ئۆستى، ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىنىڭ قاپلاش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيدى، تۆت تۈركۈمدە 70 ناھىيە(شەھەر، رايون)گە ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمىن ناھىيە(شەھەر، رايون)››، دەپ نام بېرىلدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمىنلىك بەرپا قىلىش ئاكتىپلىقى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئاممىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئەمىنلىك بەرپا قىلىشپائالىيىتى يېڭى باسقۇچتا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمەتۈزەشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە ئايلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش ئۈچۈن، جايلار، تارماقلارنىڭ قاتلاممۇ قاتلام كۆرسىتىشىئاساسىدا، يۇقىرىغا يوللانغان ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنىئېلىپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى قاتارلىق 69 ئىلغار كوللېكتىپ، جاڭ گۇاڭجى قاتارلىق 110 ئىلغار شەخسنى تەقدىرلەشنى قارار قىلدى.

     تەقدىرلەنگەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە ئەمىنلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىققا ئالاقىدار بىر قاتار فاڭجېن، سىياسەت ۋە تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىنى ئاڭلىق ھالدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ، ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى باشتىن – ئاخىر ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى ۋە نىشانى قىلىپ، يېڭى نۆۋەتلىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە، رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھەنى كېڭەيتىپ، دەرىجىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى قاتلام، يەنىمۇ كەڭ ساھەگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئەمىن شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلىشى لازىم.

    ئاپتونوم رايوننىڭ 2006 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە بولغان جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش(ئەمىنلىك قۇرۇلۇشى) خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر