ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات 2012-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا بېرىلگەن
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  خەلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-27 10:32:50

 ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

   2012-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا بېرىلگەن

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ

ۋەكىللەر:

   ھازىر مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىدىن دوكلات بېرىمەن، ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىشىنى ھەم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

   1. 2011 -يىللىق خىزمەت ئەسلىمىسى

   ئۆتكەن بىر يىلدا، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا سىياسىي -ئىقتىسادىي مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات-تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر نىيەت-بىر مەقسەتكە كېلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 47 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %9.2 ئاشتى؛ جامائەت مالىيە كىرىمى 10 تىرىليون 140 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 24.8% ئاشتى؛ ئاشلىق مەھسۇلاتى 1 تىرىليون 140 مىليارد جىڭغا يېتىپ، يەنە تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى؛ شەھەر-بازارلاردا 12 مىليون 210 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى %8.4، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 11.4% نەق ئاشتى. بىز خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، ‹‹12-بەش يىل›› مەزگىلىنىڭ ياخشى باشلانمىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.

   بىر يىلدىن بۇيان بىز ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق:(1) ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مال باھاسىنىڭ بەك تېز ئۆرلەپ كېتىشىنى تورمۇزلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.بىز ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك راۋاجلىنىش ھالىتىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى تەڭشەش ۋە پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، سالمىقى ۋە رىتىمىنى ياخشى ئىگىلەشكە تېخىمۇ ۋاقتىدا، لايىقىدا بولۇش تەلىپىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسەتنىڭ نىشانلىق، جانلىق ۋە ئالدىنكۆرەر بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. يەر شارى مىقياسىدا پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان، خەلقئارا بازاردا كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى يۇقىرىھالەتتە داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان، ئىچكى ئامىللار تەننەرخى روشەن ئۆرلەۋاتقان، قىسمەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىناتى قىسلىشىپ قېلىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتتە، بىز مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تۇراقلاشتۇرۇشنى ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇل سىياسىتى قورالىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، پۇل كىرېدىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تەڭشەپ، ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، نازارەتچىلىك - باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ، ئاھالە ئىستېمالىنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ زاۋۇت باھاسى كۆرسەتكۈچى ئۆرلەش نىسبىتى 8-ئايدىن باشلاپ ئايمۇئاي تۆۋەنلەپ، بىر مەھەل بەك تېز ئۆرلەپ كېتىش ھالىتى ئۆزگەرتىلدى. كېيىنكى يېرىم يىلدا ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قالدى، ئىچكى ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە بەزى يېڭى ئەھۋال ، يېڭى مەسىلە كۆرۈلدى، بىز بىر تەرەپتىن ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنىڭ ئساساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پۇل پاخاللىقىنى داۋاملىق داۋاملىق تىزگىنلىدۇق؛ بىر تەرەپتىن ، مۇۋاپىق پەيتتە، مۇۋاپىق دەرىجىدە ئالدىن تەڭشەپ ، مىكرولۇق تەڭشەپ، كىرېدىت سىياسىتى بىلەن كەسىپ سىياسىتىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلمىلىق باج كېمەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ، بولۇپمۇ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان چوڭ- چوڭ تۈرلىرىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىپ ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى گەۋدىلىك زىددىيەتنى نىشانلىق ھەل قىلدۇق. بىز ئۆز - زېمىن بازىرىغا قارىتىلغان تەڭشەش-تىزگىنلەشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ،تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياستىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ھايانكەشلىك، سېلىنما خاراكتېرىدىكى ئېھتىياجنى كۆرۈنەرلىك تورمۇزلىدۇق. شەھەرلەردىكى كۆپ سانلىق ئۆي باھاسىنىڭ زەنجىرسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى تۆۋەنلىدى، تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۈنۈمى نامايان بولماقتا. بىز مالىيە-پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە خەۋپ-خەتەردىكى يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي تەپتىشلىكىنى ئۆز ۋاقتىدا ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى شەكىللىنىش سەۋەبى، قايتۇرۇش سۈرۈكى ۋە رايون بويىچە جايلىشىشىنى ئىگىلەپ چىقتۇق، ئاشۇ قەرزلەر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئىجابىي رول ئوينىدى، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان سۈپەتلىك مۈلۈك شەكىللەندى؛ بەزى خەۋپ-خەتەردىكى يوشۇرۇن ئاپەت، بولۇپمۇ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزراق رايونلاردا قىسمەن خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەرمۇ ساقلاندى. بىز قەرزنى ئېنىقلاش-تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئېشىش مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، قەرز قايتۇرۇش ۋە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ داۋاملاشما مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى ئاكتىپلىق ۋە سالماقلىق بىلەن ھەل قىلدۇق. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزى تىزگىنلەشكە بولىدىغان بىخەتەر سەۋىيەدە تۇرماقتا. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى داۋاملىق تۈردە ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە كۆزلەنگەن يۆنىلىش بويىچە راۋاجلانماقتا، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە، ھازىر ئېشىش تېزرەك بولغان، باھا مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەن، ئۈنۈم بىر قەدەر ياخشى بولغان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىۋاتقان ياخشى ھالەت بارلىققا كەلدى.