تىجارەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  خەلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-27 10:32:50

 تىجارەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: 15-فېۋرال ئېلان قىلغان «دۆلەتنىڭ 12-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى پىلان پىروگراممىسى »دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت كارخانىلىرى چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش ۋە دۆلەت ھالقىپ تىجارەت قىلىشتا رىقابەت ئۈستۈنلىكىگە ۋە تىجارەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىشى، مەدەنىيەت كارخانىسى قۇرۇشى، كىنوخانا ،نەشرىيات، تىياتىرخانا، كىتابخانا، گېزىت ژۇرنال ، رادىيو-تېلېۋىزىيە قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
  پىروگراممىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىنو ئەسەرلىرى، نەشرىيات بۇيۇملىرى، مۇزىكا، ئۇسسۇل، ئەل نەغمە، چامباشچىلىق، سېرك ۋە ئويۇن قويۇش كۆرگەزمىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ كۆپ شەكىللەر ئارقىلىق چەتئەل بازىرىنى ئېچىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. چەتئەل مەبلىغى قانۇن نىزاملاردا يول قويۇلغان مەدەنىيەت كەسپى ساھەلىرىگە جەلپ قىلىنىدۇ. مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئەمەلىي كۈچى بار مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى بىلەن تۈر ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشى، ئىلغار ئىشلەش تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
  پىروگراممىدا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتنى ئېكسپورت قىلىش يېتەكچى مۇندەرىجىسى»نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارادا رىقابەت كۈچىگە ئىگە سىرتقا يۈزلەنگەن مەدەنىيەت كارخانىلىرى ۋە ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئەمەلىي كۈچى بار، مەدەنىيەتتە دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار ۋە داڭلىق ماركىلارنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ مۇلازىمەت قىلىشى ۋە خەلقئارا مۇلازىمەتنى ھۆددىگە ئېلىشىغا مەدەت بېرىپ، چەتئەللەر ئېھتىياجلىق بولغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كېرەك. نەشرىيات ھوقۇقى سودىسىنى كېڭەيتىپ، كىتاب ژۇرنال ، گېزىت، ئۈن-سىن بويۇملىرى، ئېلېكتىرونلۇق نەشرىيات بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ ئېكسپورتىنى داۋاملىق تېز ئاشۇرۇپ، كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ھۆججەتلىك فىلىم، كارتون فىلىم قاتارلىقلارنىڭ ئېكىسپورتىغا مەدەت بېرىپ، مەتبەچىلىك تاشقى سودا پىششىقلاپ ئىشلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن نادىر فىلىملەرنىڭ چەتئەللەرنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا قېتىلىشىغا، ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن ئويۇنلارنىڭ خەلقئارادىكى ئاساسىي بازارلارغا كىرىشىگە، سىفىرلىق نەشرىياتتا چەتئەل بازىرىنى ئېچىشقا مەدەت بېرىش، چەتئەلدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ياكى سەييارە ئويۇن قويۇش ئەدەبىيات سەنئەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، ئاساسلىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت ئېكسپورتىدىكى ئېغىر پاسسىپ ئەھۋالنى يەنىمۇ ياخشىلاش كېرەك.