مەركەزنىڭ 2012–يىللىق 1–نومۇرلۇق ھۆججىتى ئېلان قىلىندى ئۇنىڭدا يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكىسى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  خەلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-27 10:32:50

    مەركەزنىڭ 2012–يىللىق 1–نومۇرلۇق ھۆججىتى ئېلان قىلىندىئۇنىڭدا يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكىسى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – فېۋرال تېلېگراممىسى. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، مەركەزنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان توققۇزىنچى 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتى 1 – فېۋرال شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

    بۇ ھۆججەتنىڭ تېمىسى ‹‹يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر›› بولۇپ، تولۇق تېكىستى خەنزۇچە خەت ھېسابىدا 10 مىڭ 500 خەت ئەتراپىدا، جەمئىي ئالتە قىسىم، 23 ماددىغا بۆلۈنگەن، ھۆججەت مەبلەغ سېلىنمىسى ۋە خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش؛ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى تىرەك قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش؛ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ مائارىپ، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش؛ ئەسلىھە، ئۈسكۈنە شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ماددىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش؛ بازار ئوبوروتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، تەڭپۇڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ھۆججەتتە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن – تېخنىكا يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە ئۇزاققىچە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى. دۇنيا پەن – تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزم توسالغۇلىرىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئىرادە باغلاپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى پەن – تېخنىكىسىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك.

    ھۆججەتتە مۇنداق بېكىتىلدى: مالىيەنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››غا چىقىم قىلىنىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلىدۇ، دۆلەتنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا سېلىنىشى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىدۇ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىدۇ، مەھسۇلات ۋە نىسبەتنىڭ تەڭ نىسبەتتە ئۆرلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى سېلىنمىسىدىكى يېتەكچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، مالىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى سېلىنمىسىدىكى ئېشىش ھەجىمىنىڭ مالىيەنىڭ ئادەتتىكى كىرىمىنىڭ ئېشىش ھەجىمىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلۈپ، سېلىنمىنى مۇقىم ئاشۇرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىلىدۇ.

    ھۆججەتتە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كەلگۈسى تەرەققىياتقا نەزەر سېلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىسى ۋە ئاساس تەتقىقاتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەشكە تىرىشىش كېرەك.

    ھۆججەتتە يەنە يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئۇرۇقچىلىق پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تىرىشىپ چىڭ تۇتۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ پاراۋانلىقخاراكتېرىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش، پەن تەتقىقات، مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە قوللاش، يېزا ئىگىلىك مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش، يېزىلاردا ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.(تامام)