جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى 8 – نومۇرلۇق ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 19:03:45

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى 8 – نومۇرلۇق ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››

    ( 2008 – يىل 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2009 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن )

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ

    2008 – يىل 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى ›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى ( 2008 – يىل 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ماقۇللاندى )

    11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى›› غا تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

    1 . 1 – ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹بۇ قانۇن پاتېنت ھوقۇقدارىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، كەشپىيات، ئىجادىيەتكە ئىلھام بېرىش، كەشپىيات، ئىجادىيەتنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى››.

    2 . 2 – ماددىسىغا ئۈچ تارماق قوشۇلۇپ 2 –، 3 –، 4 – تارمىقى قىلىندى: ‹‹كەشپىيات مەھسۇلات ۋە ئۇسۇلنى ياكى ئۇنى ياخشىلاش ئۈچۈن قويۇلغان يېڭى تېخنىكا لايىھىسىنى كۆرسىتىدۇ.››

    ‹‹ئەمەلىي يېڭى تىپ مەھسۇلاتنىڭ شەكلى ۋە قۇرۇلمىسىنى ياكى ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ قويۇلغان، ئەمەلىي قوللىنىشقا باب كېلىدىغان يېڭى تېخنىكا لايىھىسىنى كۆرسىتىدۇ.››

    ‹‹تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى مەھسۇلاتنىڭ شەكلى ۋە نۇسخىسىنى ياكى ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ قويۇلغان شۇنداقلا رەڭگى بىلەن شەكلى، نۇسخىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قويۇلغان ئېستېتىك زوق بېرىدىغان ھەمدە سانائەتتە قوللىنىشقا باب كېلىدىغان يېڭى لايىھىنى كۆرسىتىدۇ.››