سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى نىزامى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-26
      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (46 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى نىزامى›› 2012 – يىل 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2012 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    2012 – يىل 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ نىزام تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرۇش، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېتەكچىلىك ۋە تەڭشەش – تىزگىنلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان تەرەققىيات يىرىك پىلانى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى مەلۇم مەزگىل ۋە دائىرىدە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

    3 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، يولغا قويۇش ۋە ئالاقىدار باشقۇرۇش ھەرىكىتىگە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، يولغا قويۇش ۋە ئالاقىدار باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىسلاھات – تەرەققىيات تارمىقى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئالاقىدار باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ، باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئالاقىدار مەخسۇس يىرىك پىلانلارنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە باشقۇرۇش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

    6 – ماددا قانۇن بويىچە تەستىقلانغان تەرەققىيات يىرىك پىلانى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادنى تەڭشەش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە جامائەتكە مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى ئاساس بولۇپ، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315537271