سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چارۋا – قۇش سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-26

   (2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 – يىغىنىداماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (12 – نومۇرلۇق)

   ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چارۋا – قۇش سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى›› 2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى.

    2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

     1 – ماددا بۇ نىزام چارۋا – قۇش سويۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، چارۋا – قۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، جامائەتنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن – نىزاملىرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

     2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە چارۋا – قۇش سويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا بۇ نىزامغا رىئايە قىلىش كېرەك.

     3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان چارۋا – قۇش كالا، قوي، ئات، توخۇ، ئۆردەك، غاز قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۆي قۇشلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇ نىزامدا ئېيتىلغان چارۋا – قۇش مەھسۇلاتلىرى چارۋا – قۇشنىڭ سويۇلغاندىن كېيىن، پىششىقلانمىغان ئۇچا گۆشى، گۆشى، يېغى، ئىچكى ئەزالىرى، قېنى، سۆڭىكى، بېشى ۋە پاچىقىنى كۆرسىتىدۇ.

     4 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدا چارۋا – قۇشنى بېكىتىلگەن جايدا سويۇش، يىغىپ كارانتىن قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

     شەخسلەر ئۆزى سويۇپ ئۆزى يەيدىغانلىرىنى ھېسابقائالمىغاندا، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بېكىتىلمىگەن قۇشخانىلاردا چارۋا – قۇش سويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

     شەخسلەرنىڭ ئۆزى سويۇپ ئۆزى يەيدىغان چارۋا – قۇشنى بېكىتىلگەن قۇشخانىدا سويۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

     سويۇلغان چارۋا – قۇشنى پرىيوم – كارانتىن قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى›› ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› بويىچەبولىدۇ.

   1 2 3 4 5 6 7 8 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315537231