سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش نىزامى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-26

    (2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىداماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى ( 15 – نومۇرلۇق )

   ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش نىزامى›› 2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 

    11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

   2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

   1– باب ئومۇمىي پرىنسىپ

   1– ماددا بۇ نىزام ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

   2– ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، ئۇچۇر قۇرۇلۇشى قىلىش، ئۇچۇر تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش، ئۇچۇر بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش، ئۇچۇر كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدا، بىر تۇتاش پىلانلاش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، قوللىنىشقا يېتەكلەش، بازارغا يۈزلەندۈرۈش، تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇش، پائال يېتەكلەش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

   4– ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغانرەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەدبىر قوللىنىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنى يارىتىش ۋە قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئەھلىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە كىرگۈزۈشكە ئىلھام بېرىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش،ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەربىيىلەش ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك.

    5– ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

تەرەققىيات – ئىسلاھات، مالىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى،رادىئو– تېلېۋىزىيە ۋە خەۋەرلىشىش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسئۇلىيىتىنى ئۆز دائىرىسىدە ئادا قىلىدۇ.

    6– ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار پەن تەتقىقات، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇر بايلىقىنى يارىتىش، كېڭەيتىش، قوللىنىش، تەربىيىلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

   7– ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

   1 2 3 4 5 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315537211