سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-26

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى

   (2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىداماقۇللاندى)

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

   (13 – نومۇرلۇق)

     ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغايەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى›› 2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14– يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

     1 – ماددا بۇ نىزام قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئاسراش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەخلاقىي،روھىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا بىنائەن ئاتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

     2 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر 18 ياشقا توشمىغان پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ.

     3 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قانۇن بويىچە ياشاش ھوقۇقى، يېتىلىش ھوقۇقى، قوغدىلىش ھوقۇقى،قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە تەربىيىلىنىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئالاھىدە ۋە ئالدى بىلەن قوغدىلىدۇ.

     4 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، پارتىيىلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋە قۇرامىغا يەتكەن باشقا پۇقرالارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئويلىشىپ، ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

     5 – ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم ۋە سوتسىيالىزم تەربىيىسى بېرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللىي سىياسەت تەربىيىسى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

     6 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش كومىتېتىقۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:

     (1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشقا دائىر قانۇن، نىزام ۋە سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش؛

     (2) شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىگە دائىر چوڭ – چوڭ ئىشلارنىمۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشقا دائىر كونكرېت تەدبىرلەرنى چىقىرىش؛

     (3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلىشقا دائىر ئەرز، پاش قىلىش ماتېرىيالى، شىكايەتنى قوبۇل قىلىش ھەمدە ئالاقىدار دۆلەت ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋەئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛

     (4) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش كومىتېتىنىڭ باشقا مەسئۇلىيەتلىرى.

     قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.

     يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شەھەر كوچا ئىش باشقارمىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدىغان ئادەم قويۇشىكېرەك.

   1 2 3 4 5 6 7 8 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315537201