سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش نىزامى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-26

    2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىداماقۇللاندى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (14 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش نىزامى›› 2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

    2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

     1 – ماددا بۇ نىزام مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، زېمىننى كۆكەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش مەقسىتىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ‹‹ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ۋە دۆلەتنىڭئالاقىدار قانۇن – نىزاملىرىغا بىنائەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

       2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.

     3 – ماددا مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، مەسئۇل ئاپپارات تەشكىللەيدىغان، ئورۇنلار كونكرېت يولغا قويىدىغان، پۇقرالار كەڭ دائىرىدە قاتنىشىدىغان تەشكىلىي شەكىل يولغا قويۇلىدۇ؛ ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىلمىي تىكىش، پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

    4 – ماددا 18 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەر پۇقرالار ۋە 18 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئايال پۇقرالار(جۈملىدىن تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىل توشقان ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ئاھالە)دىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغانلىرىدىن باشقىلىرى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھەر بىر كىشى ھەر يىلى ئۈچ تۈپتىن بەش تۈپكىچە كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتىنى ھەقسىز ئادا قىلىشى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مۇناسىپ ئەمگەك مىقدارىدا كۆچەت يېتىشتۈرۈش، دەل – دەرەخ پەرۋىش قىلىش ياكى باشقا كۆكەرتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى لازىم.

    قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 11 ياشتىن ئاشقانلىرى ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ يېقىن ئەتراپتىكى قۇربى يېتىدىغان مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە تەشكىللىك قاتنىشىشى كېرەك.

    باشقا ياشتىكى پۇقرالار ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىختىيارىي قاتناشسا بولىدۇ.

        5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى نىشان جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى ھەم مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

     6 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە ۋە شەھەر، يېزىلارنى كۆكەرتىش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان كۆكەرتىش كومىتېتى قۇرىدۇ. كۆكەرتىش كومىتېتى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش، ماسلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشخىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدىغان ئىش ئاپپاراتى قۇرىدۇ.

   1 2 3 4 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315537191