شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 18:13:21

    (1994 – يىل1 – ئاينىڭ21 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ماقۇللانغان،1997 – يىل 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا تۈزىتىلگەن، 2009  – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا تۈزىتىلدى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىكخەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (19 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەتئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامى›› 2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

    2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

     1 – ماددا بۇ نىزام جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ساقلاش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى قارارى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا بىنائەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

     2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، قىسىملار، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، باشقا تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارغا تەتبىقلىنىدۇ.

     3 – ماددا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، سىياسىي – قانۇن، مەمۇرىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

    4 – ماددا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمەتۈزەشتە زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، مەخسۇس ئورگان تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئاممىغا تايىنىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. جايلار بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپى ۋە كىم مەسئۇل بولسا شۇ جاۋابكار بولۇش، كىم باشقۇرسا شۇ جاۋابكار بولۇش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.