شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 18:13:21

    ( 2009–يىل 11–ئاينىڭ 27–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–يىغىنىدا ماقۇللاندى )

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (16–نومۇرلۇق)

    ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ زېمىن بايلىقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نىزامى ›› 2009–يىل 11–ئاينىڭ 27–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى . ھازىر ئېلان قىلدۇق .

    2009–يىلى 11–ئاينىڭ 27–كۈنى

     1–ماددا بۇ نىزام زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى ›› ، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قېزىلما بايلىق قانۇنى ›› قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

     2–ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يەر، قېزىلما بايلىققا دائىر قانۇن – نىزاملارنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

    بۇ نىزامدا ئېيتىلغان زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپتەكشۈرۈش زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئورۇنلار ياكى شەخسلەرنىڭ يەر، قېزىلما بايلىققا دائىر قانۇن – نىزاملارغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، يەر، قېزىلما بايلىققا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشنى بىر تەرەپ قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

     3–ماددا زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە قانۇنغا ئاساسلىنىش، ئادىل، لىللا، ئاشكارا بولۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

     4–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكەمۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكەتەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەمدە مەمۇرىي رەھبەرلىك جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

     يېزىلىق(بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ناھىيىلىك(شەھەرلىك) زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

     5–ماددا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى يەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ نىزامبويىچە ئادا قىلىدۇ، ئۇنىڭ يەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى كەسپىي جەھەتتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. بىڭتۇەن شىلىرىدىكى يەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاپپاراتى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ كەسپىييېتەكچىلىكى ۋە نازارەتچىلىكىدە بولىدۇ.

     بىڭتۇەن سىستېمىسى شەھەر پىلانلانغان رايوندا ئىشلەتكەن يەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زېمىنبايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئادا قىلىدۇ.