شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 18:13:21

    (2008–يىل 1–ئاينىڭ 5–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ نىزام غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغائاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەر مىللەت خەلق ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچمۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلۈك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە مەدەنىيەت ماكانىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    (1) ئاغزاكى ئەنئەنە، جۈملىدىن مەدەنىيەت ۋاسىتىسى بولغان تىل؛

    (2) ئەنئەنىۋى ئورۇنداش سەنئىتى ۋە ئەلئارا گۈزەل سەنئەت؛

    (3) ئەنئەنىۋى مۇراسىم، ھېيت – بايرام، تەبرىكلەشمۇراسىمى شۇنداقلا ماھارەت، ئويۇن قاتارلىق مىللىي ئۆرپ – ئادەت پائالىيىتى؛

    (4) ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنلىك ماھارىتى؛

    (5) تەبىئەت دۇنياسىغا ۋە ئالەمگە ئالاقىدار ئەلئارا ئەنئەنىۋى بىلىم ۋە ئەمەلىيەت؛

    (6) ئالدىنقى بەش تۈرگە ئالاقىدار ماتېرىيال، نەرسە ۋە سورۇن؛

    (7) قوغدىلىدىغان باشقا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى.

    4 – ماددا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ. ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈش،قەدەممۇقەدەم يولغا قويۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

    غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىش، چىن ۋە مۇكەممەل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، بۇرمىلاش ۋە كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىشىنى خەلق ئىگىلىكى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشخىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، رەھبەرلىك قىلىش – ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمى ۋە مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقاتى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا كېتەرلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

    6 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ تەرەققىيات، ئىسلاھات، مالىيە، مىللەت – دىن، ئىقتىساد – سودا، قۇرۇلۇش، مائارىپ، رادىئو – تېلېۋىزىيە، ئاخبارات – نەشرىيات، ساياھەت، تەنتەربىيە ۋە تاموژنا تارمىقى قاتارلىق تارماقلار غەيرىيماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    7 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قانۇن بويىچە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

    8 – ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.