شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 18:13:20

    (2008 – يىل 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    4 – نومۇرلۇق

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش نىزامى›› 2008 – يىل 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 –يىغىنىدا ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

    2008 – يىل 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

    1 – ماددا بۇ نىزام كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونومرايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ئىشلەۋاتقان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ۋە كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكى مەمۇرلارنى داۋاملىق تەربىيىلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش (تۆۋەندە داۋاملىق تەربىيىلەش دېيىلىدۇ) كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي بىلىمىنى تولۇقلاپ، يېڭىلاپ، كېڭەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي تېخنىكا سەۋىيىسى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان يېتىشتۈرۈش ۋەتەربىيىلەشنى كۆرسىتىدۇ.

    4 – ماددا داۋاملىق تەربىيىدە بىر تۇتاش پىلانلاش، دەرىجە ۋە تۈر بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئېھتىياجغا قاراپ تەربىيىلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش،ئۆستۈرۈش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى داۋاملىق تەربىيىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، داۋاملىق تەربىيە سېلىنمىسىنى يىلدىن – يىلغا كۆپەيتىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە كەسىپلەرنىڭ داۋاملىق تەربىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، نامرات جاي ۋە چەت – ياقا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيىلىنىشىگە مەدەت بېرىشىكېرەك.