شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 18:13:20

    (2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىداماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (6 – نومۇرلۇق)

     ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش نىزامى›› 2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

    2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

    1 – ماددا بۇ نىزام تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، پايدىلىنىش، باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردە مۇشۇ نىزامغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

    3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىتۈزلەڭلىكتىكى ئىپتىدائىي ئورمان ۋە ئىككىلەمچى ئورمانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ ئورمان يېرى باراقسانلىق دەرىجىسى 0.2 دىن يۇقىرى بولغان تۈزلەڭلىكتىكى تەبىئىي غوللۇق دەرەخلىك ۋە چاتقاللىق، شالاڭ ئورمانلىق، ئورمانلىقتىكى بوش يەرنى شۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يىرىك پىلانىدىكى ئورمانغا باپ باشقا يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ باراقسانلىق دەرىجىسى غوللۇق دەرەخ تاجىسىنىڭ تىك كۆلەڭگە كۆلىمى بىلەن ئورمان يېرى كۆلىمىنىڭ نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ.

    4 – ماددا تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا، تۆۋەندىكى پرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىدۇ:

    (1) ھۆكۈمەت يېتەكلەش، جەمئىيەتلەر قاتنىشىش؛

    (2) ئومۇميۈزلۈك مۇھاپىزەت قىلىش، ئېكولوگىيىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش؛

    (3) تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش؛

    (4) ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى تەڭ نەزەرگە ئېلىش.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت مەمۇرىي رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىنى نىشان مەسئۇلىيىتى بويىچە باھالاپ، مۇكاپاتلاش – جازالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى لازىم.

    تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كۆپەيتىشكە شۇنىڭدەك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك خىراجەت ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.