شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 18:13:20

    (2009–يىل 3–ئاينىڭ 27–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ نىزام پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پىدائىيلار ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا بىنائەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى، پىدائىيلار تەشكىلاتى ۋە پىدائىيلارغا تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى پىدائىيلارنىڭ باشقىلارغا ۋە جەمئىيەتكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغان جامائەت پاراۋانلىقىھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. پىدائىيلار ماددىي ھەقنى كۆزلىمەيدىغان، ئۆزىنىڭ ۋاقتى، ماھارىتى قاتارلىق بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتكە ۋە باشقىلارغا ئىختىيارلىقى بىلەن مۇلازىمەت ۋە ياردەم قىلغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. پىدائىيلار تەشكىلاتى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىدىغان، پايدا ئالمايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىيرايون تەۋەسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى يېتەكلەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئىش ئاپپاراتى تەڭ دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىدا قۇرۇلىدۇ.

    2 – باب پىدائىيلار تەشكىلاتى

    5 – ماددا پىدائىيلار تەشكىلاتى ئاپتونوم رايون ۋە ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەردىكى پىدائىيلار جەمئىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ شۆبە – تارماق ئاپپاراتلىرى، شۇنىڭدەك پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى كىرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، پىدائىيلار تەشكىلاتىغا كوللېكتىپ ئەزا بولسا بولىدۇ.

    6 – ماددا پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىيىتى:

    (1) پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىش، رويخەتكە ئېلىش، تەربىيىلەش، باھالاش قاتارلىق باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇش؛

    (2) پىدائىيلار مۇلازىمىتى پىلانىنى تۈزۈش ھەمدە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تەشكىللەش؛

    (3) پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئارخىپى تۇرغۇزۇش، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ نەتىجىسىنى باھالاش، پىدائىيلار مۇلازىمەتئىسپاتى بېرىش؛

    (4) پىدائىيلار مۇلازىمىتى مەبلىغى، ئەشياسىنى توپلاش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش؛

    (5) پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىش تۈزۈمى– تەدبىرىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛

    (6) پىدائىيلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق– مەنپەئىتىنى قوغداش؛

    (7) پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشۋىقاتىنى تەشكىللەش؛

    (8) دۆلەت ئىچى– سىرتىدىكى پىدائىيلار تەشكىلاتى، ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش؛

    (9) ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى قىلىشىغا ياردەملىشىش؛

    (10) مۇنەۋۋەر پىدائىيلار ۋە پىدائىيلار تەشكىلاتىنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش؛

    (11) پىدائىيلار تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش.