شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 18:02:11

    (1997–يىل 10–ئاينىڭ 11–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29–يىغىنىدا ماقۇللاندى ، 2009–يىل 3–ئاينىڭ 27–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ نىزام شىنجاڭنى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەردەرىجىلىك پەن – تېخنىكا جەمئىيەتلىرى (تۆۋەندە پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى دېيىلىدۇ) نىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورنىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنى›› ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن – تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى›› قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ھەر مىللەت پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان خەلق تەشكىلاتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەر مىللەت پەن – تېخنىكاخىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ.

    3 – ماددا پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن – تېخنىكا خىزمىتىدە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، نۇقتىلىق تۈرلەردە ھالقىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، كەلگۈسىگە يېتەكلەش يېتەكچى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇشقا ۋە كېڭەيتىشكە، ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئىختىساسلىق پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېتىلىشىگە، پەن – تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم – پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشى، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشى؛ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيلىكقۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيىلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    4 – ماددا پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى ‹‹بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش›› فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزىنى دېموكراتىكباشقۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خىزمىتىدە ۋە ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا قانۇن – نىزاملارغا ۋە ئۆزىنىڭنىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.