شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش ، تۈگىتىش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 18:02:11

    (2010–يىل3–ئاينىڭ31–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (20 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش نىزامى›› 2010 – يىل 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭ 17 – يىغىنىدا ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

    2010يىل 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

     1 – ماددا بۇ نىزام بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈش ۋە تۈگىتىش، ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى (تۆۋەندەھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى دېيىلىدۇ) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ھادىسە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان نەرسىلەرنىڭ خەۋپلىك ھالىتى، ئادەمنىڭ خەتەرلىك ھەرىكىتى ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى نۇقساننى كۆرسىتىدۇ.

     ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى ئادەتتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى ۋە زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى دەپ ئايرىلىدۇ. ئادەتتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى زىيىنى يېنىكرەك، تۈگىتىش ئاسانراق، دەرھال تۈگەتكىلى بولىدىغان يوشۇرۇن خەۋپنى كۆرسىتىدۇ؛ زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى زىيىنى ئېغىرراق، تۈگىتىش قىيىنراق بولغان، ئىشلەپچىقىرىش ۋەتىجارەتنى پۈتۈنلەي توختىتىش ياكى قىسمەن توختىتىش، ئىشلىتىشتىن توختىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغاندا تۈگەتكىلى بولىدىغان يوشۇرۇن خەۋپنى ياكى تاشقى ئامىل تەسىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى تۈگىتىپ كېتەلمەيدىغان يوشۇرۇن خەۋپنى كۆرسىتىدۇ.

     زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنىبېكىتىشتە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بولسا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بولمىسا، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەرئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار بەلگىلىمە چىقىرىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ ئىجرا قىلىدۇ.