شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:58:22

    (2010–يىل6–ئاينىڭ3–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ18–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (22 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىش نىزامى›› 2010 – يىل 6 – ئاينىڭ 3 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدۇق.

    2010 – يىل 6 – ئاينىڭ 3 – كۈنى

    1 – ماددا بۇ نىزام توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بازار سودىسى تەرتىپى ۋە جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداش، توختاملاشقۇچىلارنىڭ سودىدىكىباراۋەر، ئادىل ئورنى ۋە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى قوللىنىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا، بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى›› قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردا توختامنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

    3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرى توختام تەييارلىغۇچى تەرەپنىڭ (تۆۋەندە توختام تەييارلىغۇچى دېيىلىدۇ) تەكرار ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىۋالغان ھەمدە توختام تۈزگەندە قارشى تەرەپ بىلەن كېڭەشمىگەن توختام ماددىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

    سودا ئېلانى، دۇكان ئېلانى، ئۇقتۇرۇش، بايانات، بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، چۈشەندۈرمە، دوكومېنت، تالون قاتارلىقلاردىن چاقىرىق شەرتىگە ۋە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ باشقا ئالاقىدار تارماقلار توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئىشلەيدۇ.