شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى ،تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى ۋە تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:58:22

    (2002–يىل5–ئاينىڭ31–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق9–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ28–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2010–يىل6–ئاينىڭ3–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى18–يىغىنىنىڭ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر ،كوچا ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرنى قوغداش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى ۋە تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، شەھەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قىياپىتى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى›› ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، بازىرى، كەنتىنى قوغداش نىزامى›› غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكىمەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى شۇنىڭدەك تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى يۇقىرىراق كوچا، تارىخىي ئىمارەتنىبېكىتىش، پىلانلاش، قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ نىزام بويىچە ئادا قىلىدۇ.

     ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

     مەدەنىيەت يادىكارلىقى، زېمىن بايلىقى، مۇھىت، ساياھەت، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار بويىچە، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتكە دائىر تەبىئىي بايلىق، ئانتروپولوگىيەلىك بايلىقنى قوغداش خىزمىتىنىمەسئۇلىيىتى دائىرىسدە ياخشى ئىشلەيدۇ.

    4 – ماددا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى ئۈنۈملۈك قوغداش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئىلمىيباشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.