شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:58:22

    (2002 – يىل 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2004 – يىل 11 – ئاينىڭ 26 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13 – يىغىنىنىڭ ‹‹ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› غا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلگەن. 2006 – يىل 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتى 24 –يىغىنىنىڭ ‹‹ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلگەن. 2010 –يىل 6 – ئاينىڭ 3 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18 – يىغىنىنىڭ ‹‹ &lt;شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 3 – قېتىم تۈزىتىلدى)

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ نىزام نوپۇس بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت، بايلىق، مۇھىتنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش، پۇقرالارنىڭقانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش ، ئائىلىنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ نىزام نوپۇسى ياكى ئولتۇرۇشلۇق جايى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە بولغان جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى، ھەر بىر پۇقرا ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە تەشۋىق – تەربىيە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، دائىملىق خىزمەتلەرنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، ئۇ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاممىنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق بېيىش، بەختلىك ئائىلە قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ؛ ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى، ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت، مۇكاپات ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تايىنىپ، يېزىلاردا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش، ئۇلارغا مەدەت بېرىش تۈزۈمى ۋە يېزىلاردىكى يالغۇز پەرزەنتى ئۆلۈپ كەتكەن، مېيىپ بولغان ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد ۋەجەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.