شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:51:54

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (26 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى›› 2010 – يىل 7 –ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

    2010 – يىل 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

    (2010–يىل 7–ئاينىڭ 28–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ نىزام ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ۋە يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە جامائەت ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى››، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامى››، شۇنىڭدەك ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، شۇنىڭدەك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەتتىكىلەر ئورتاق قاتنىشىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىپ، تەشۋىقات – تەربىيە كۈچەيتىلىدۇ، ھەرىكىتىگە ئارىلىشىش، غەمخورلۇق قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىپ، ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش يولغا قويۇلىدۇ.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، بۇ خىزمەتنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىيتەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەرىكەت پىلانى تۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنىماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى باھالايدۇ، نازارەت قىلىدۇ.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىخىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان جايلارغا مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش، كۆزىتىش، غەمخورلۇق قىلىش – قۇتقۇزۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا كېتەرلىك خىراجەتلەرنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان جايلار ۋە نامرات جايلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە خىراجەت جەھەتتىن ياردەم بېرىشى كېرەك.

    ھەر قانداق ئورۇن، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىراجىتىنى قىسىۋېلىشىغا، تۇتۇپ قېلىشىغا، ئىشلىتىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.