شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:51:53

    ( 2005 – يىل 11 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2010 – يىل 6 – ئاينىڭ 3 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18 – يىغىنىنىڭ‹‹ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى )

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى ›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى ( 2010 – يىل 6 –ئاينىڭ 3 –كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11 –نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللاندى )

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 – يىغىنى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى››غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

    1 . 3 – ماددا ئۈچ تارماق قىلىندى، 1 – تارمىقى: ‹‹بۇ نىزامدا ئېيتىلغان چېگرا باشقۇرۇش دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش ۋە چېگرا رايوننى باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ››؛ 2 – تارمىقى: ‹‹دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش دۆلەت چېگرا لىنىيەسى ۋە ئۇنىڭ بەلگىسىنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چېگرا رايوننى باشقۇرۇش چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون، چېگرا بەلبېغى ۋە چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ››؛ 3 – تارمىقى ‹‹چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون ئادەتتە دۆلەت چېگراسى ياقىسىدىكى يېزا – بازارلارنىڭ،دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن – مەيدانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايوننى كۆرسىتىدۇ؛ چېگرا بەلبېغى دۆلەت چېگرا سىزىقىدىن 2000 مېتىرغىچە بولغان رايوننى كۆرسىتىدۇ، لېكىن دۆلەت چېگرا سىزىقىغا ئەڭ يېقىنئارىلىق 20 مېتىردىن كەم بولسا بولمايدۇ؛ چېگرادىكى چەكلەنگەن رايون چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوننىڭ مەلۇم يېرىدە بېكىتىلگەن ئالاھىدە كونترول رايوننى كۆرسىتىدۇ››.

    2 . 10– ماددىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2 – تارمىقى قىلىندى: ‹‹ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ،چېگرا بەلبېغىدا ئىمارەت، قۇرۇلما سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ››.

    3 . 15 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون، چېگرا بەلبېغى ۋە چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى ئاپتونوم رايونلۇق خەلقھۆكۈمىتى چېگرا مۇداپىئە باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ ئايرىيدۇ ۋە تەڭشەيدۇ، بەلگىلەرنى بىر تۇتاش تەييارلاپ ۋە ئورنىتىپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ؛ بەلگىلەرنى ئاسراشقا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولىدۇ››.

    4 . 16 – ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ – چىقىدىغانلارقانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى ھەمدە جامائەتخەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك››.

    5 . 17 – ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىش – چىقىشقا تەشكىللىشىگە، ئاپىرىپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنىڭ چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ – چىقىشىغا قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى ئېلىپ قېلىشىغا، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ››.

    6 . 18 – ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون تەۋەسىدە بولمىغان جۇڭگو پۇقرالىرى ياكى چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوندا قونۇپ قالماقچى بولسا، قوندۇرۇپ قالغۇچى ئورۇن ياكى شەخس شۇ كىشىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئادرېسى، كېلىش سەۋەبى قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرىلىشى ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىغا تىزىملىتىشى كېرەك››.

    7 . 23 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹چېگرا بەلبېغىدا چارۋا باققۇچىلار چارۋىسىغا ئوبدان قاراپ، چارۋىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. چارۋىسى قوشنا دۆلەت چېگراسى ئىچىگە كىرىپ كەتسە، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشى، چارۋىسىغا ئەگىشىپ چېگرادىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ قوشنا دۆلەت قايتۇرۇپ بەرگەن چارۋىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چارۋىچىلىق تارمىقىغا كارانتىن قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك››.