شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر مۇقامىنى قوغداش نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:51:53

    بۇ نىزام ئۇيغۇر مۇقامىنى قوغداش، ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

     2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئۇيغۇر مۇقامىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.

     بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئۇيغۇر مۇقامى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى ‹‹ئون ئىككىمۇقام››، ‹‹تۇرپان مۇقامى››، ‹‹قۇمۇل مۇقامى››، ‹‹دولان مۇقامى›› قاتارلىق مۇقاملارنىڭ ئومۇمىي نامى (تۆۋەندە مۇقام دېيىلىدۇ) بولۇپ، ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلىدۇر.

     بۇ نىزامدا ئېيتىلغان قوغداش مۇقامنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئارخىپلاشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش، ساقلاش، قوغداش، تەشۋىق قىلىش، ئەۋجئالدۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

     3 – ماددا مۇقامنىڭ مۇنۇ ئوبيېكتىلىرى قوغدىلىدۇ:

    (1) مۇقام ئەدەبىياتى، مۇزىكىسى، ئۇسسۇللىرى؛

    (2) مۇقامنى ئەنئەنىۋى ئورۇنلاش ماھارىتى؛

     (3) مۇقامغا مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت، بەدىئىي شەكلى شۇنىڭدەك چالغۇ، كىيىم – كېچەك، جابدۇق قاتارلىقلارنى تەييارلاش ھۈنىرى؛

    (4) مۇقامغا دائىر تىپىك ئىپتىدائىي ماتېرىيال، نەرسە، سورۇن ۋە ئەسلىھە؛

    (5) مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك شەخسلەر ۋە ئورۇنلار؛

    (6) مۇقامنىڭ قوغدىلىدىغان باشقا ئوبيېكتىلىرى.

    4 – ماددا مۇقامنى قوغداشتا قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى 1 – ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەتتىكىلەر قاتنىشىش، كەلگۈسى پىلانىنى تۈزۈش، قەدەملىك يولغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چىنلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە ئەنئەنىۋى خاسلىقىنى ساقلاش كېرەك.

     5 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇقامداۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى ئوبلاستلىق، (شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك) ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق)خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمە) لەر (تۆۋەندە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېيىلىدۇ) مۇقامنى قوغداش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇقامنى قوغداش خىزمىتىگە مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.