شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيەسى نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:51:53

    (2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (33 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيەسى نىزامى›› 2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنى

    1 – ماددا بۇ نىزام قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، پۇقرالارنىڭ قانۇن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيەسى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇن، قانۇن – نىزام بىلىملىرىنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇملاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى، قانۇننىئادىل يۈرگۈزۈشى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىش قىلىشى، قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشى ۋە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىجتىمائىي پائالىيەتنى كۆرسىتىدۇ.

    3 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

    4 – ماددا قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك پىلانلايدىغان، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئورۇنلار تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان، پۇقرالار كەڭ دائىرىدە قاتنىشىدىغان، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدىغان تەشكىلىي شەكىل قوللىنىلىدۇ. دائىم تەربىيەلەش بىلەن يىغىپ تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش،ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى بىلەن نۇقتىلىق تەربىيەنى بىرلەشتۈرۈش، تەشۋىق – تەربىيە بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، ئورگاننى، يېزىنى، مەھەللىنى، مەكتەپنى، كارخانىنى، ئورۇننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.