شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-26 17:51:53

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىكخەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (34 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامى›› 2011 – يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011 – يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

     2011 – يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

          (2011 – يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب ئوت مۇداپىئە مەسئۇلىيىتى

    3 – باب ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    4 – باب ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتى

    5 – باب ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇش

    6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ نىزام ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئاپىتى خەۋپىنى ئازايتىش، جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى ئوت مۇداپىئە خىزمىتى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.